شىنجاڭ مالىيەسى يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەشكە مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى |
مەنبە: www.tianshannet.net
2011-08-14 07:20
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:2011-يىلىدىن باشلاپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەسى ھەر يىلى يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش تەرەققىياتىنى يۆلەشتىكى 20 مىليۇن مەخسۇس مەبلەغنى 50 مىليۇن يۇەنگە كۆتۇرگەن،بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق كۆتۇرىدىكەن.ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست)،ناھىيە-شەھەر مالىيەلىرىمۇ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش تەرەققىياتىغا بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدىكەن.بۇ 12-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارات ئابباسنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى خىزمىتى سۆھپەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سانجى دۆلەت يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيداىنى،سانجى شەھەرلىك ئەرلىيۇگۇڭ بازىرى جۇنخۇ كەنتى قاتارلىق بەش يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېكىسكۇرسىيە نوقتىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئىگىلىنىشچە،2011-يىلى مەركەز شىنجاڭنىڭ يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى ئۈچۈن بىرىنچى تۈركۈمدە 590 مىليۇن يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.7-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر 89 پىرسەنت مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ بولغان.تولۇقلىما پۇلى ئارقىلىق سېتىۋالغان يېزا-ئىگىلىك ماشنىلىرى 88 مىڭ 500 گە يەتكەن،بۇنىڭغا يەرلىك مالىيە 42 مىليۇن 464 مىڭ يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، 41 مىڭ 600 ئائىلە مەنپەئەتلەنگەن.ئىككىنچى تۈركۈمدە 310 مىليۇن يۇەنمۇ ئەمەلىيلىشىپ بولغان بولۇپ،پات ئارىدا ھەر قايسى جايلاغا چۈشۈرۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا ئۆتكەن يىلى دېھقانلار 11 دانە پاختا يىغىش ماشنىسى سېتىۋالغان بولۇپ،بۇ يىلمۇ ھازىرىغا قەدەر 11 پاختا يىغىش ماشىنىسى سېتىۋالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-15 11:58:30 ئۇقۇلۇشى: 233 قېتىم] |
|