BRT بېكەتكە ئەينەك ئورنىتىش باشلاندى |

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، ئالدىنقى مەزگىللىك پولات جاھازا قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى BRT قىزىلتاغ بېكىتىدىن باشلاپ ئەينەك پەردە تام قۇراشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. شۇ كۈنى ، مۇخبىر قىزىلتاغ BRT بېكىتىدە، بېكەت جاھازىسىنىڭ كۈمۈش رەڭدە سىرلانغانلىقىنى، يەر يۈزىنىڭمۇ پۈتۈپ بولغانلىقىنى كۆرگەن. ئىشچىلار ئەينەكلەرنى پولات جاھازىغا ئورنىتىۋاتقان بولۇپ، پىيادىلەر سىگىنال چىرىقىمۇ ئورنىتىلىپ بولۇنغان ئىكەن. قۇرلۇش مەيدانىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، BRT ئىشقا چۈشىدىغان كۈنلەر يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىشچىلار كىچە-كۈندۈز ئىشلەۋىتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-15 11:55:08 ئۇقۇلۇشى: 109 قېتىم] |
|