يانفۇن ئارقىلىق پاشا قوغلاش |
يانفۇن ئارقىلىق پاشا قوغلاش
يازدا پاشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بازاردىكى پاشا ئىسرىقدانلىرىنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئىسرىقدانلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، ئەمما تىلىفۇن ئارقىلىق پاشا قوغلاشنى سىناپ باققانمىتىڭىز؟ يېقىندا ياشلار ئارىسدا تىلىفون ئارقىلىق پاشا قوغلاش يۇمشاق دېتالى مودا بولغان. بۇ يۇمشاق دىتالنى ئېچىش بىلەنلا تىلىفوندا شەپەرەڭنىڭ قانىتىتى قاققاندىكى تىتىرىگەن ئاۋاز دولقۇنى ئاڭلىنىىپ پاشا قوغلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەر بۇ خىل يۇمشاق دىتال ئىلمىي ئەمەس، يۇمشاق دىتالدىن چىققان ئاۋاز دولقۇنى سالامەتلىككە زىيانلىق، بۇ يۇمشاق دېتال نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتىشى كېرەك دېگەن.
ھايۋانلار بىلەن سىردىشىدىغان بالا
بىرازىلىيەنىڭ بىر كەنتىدە بالىلارغا ئارلاشمايدىغان، ھايۋانلار بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ياقتۇرىدىغان بىر بالا بولۇپ، ئۇ كۈن بويى ئائىلىسىدىكى كالا، قوي، ئىت، مۈشۈكلەر بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. بۇ ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ تىلىنى بىلىدىغاندەك ئىش قىلىدىكەن. بىر قېتىم بىر كىشى ھەسەل ھەرىسى كۆنىكىگە تېگىپ قويغانلىقتىن ھەرىلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. ئائىلىسىدىكىلەر ھېلىقى بالىنى چاقىرىپ كەلگەندە، ئۇ بالا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەرىدىن ئىككىنى تۇتۇپ بىر مەھەل سۆزلەشكەن. نەتىجىدە بۇ ئىككى ھەسەل ھەرىسى قايتىپ بېرىپ باشقا ھەسەل ھەرىلىرىنى باشلاپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر سېرىك ئۆمىكى بۇ بالا ئولتۇرۇشلۇق كەنىتكە ۋەھشىي شىر سولانغان تۆمۈر قەپەزدىن بىرنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ بالا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، تۆمۈر قەپەزنىڭ ئىچىگە كىرىپ شىر بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىغان. شىر ئۇنى چىشلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە تىلىنى چىقىرىپ دوستانە ھالدا ئۇنىڭ يۈزىنى يالاشقا باشلىغان. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ھاڭ-تاڭ قالغان . يەنە بىر قېتىم بۇ بالا تاغدا چوڭ قورساقلىق يىلاننى كۆرۈپ ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم چاقىرغاندا يىلان ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بالا يىلاننى تۇتۇۋىلىپ ئوينىغان. زەھەرلىك يىلان ئۇنى چاقماستىن ئۇنىڭ قولىنى يالاشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى «ھايۋانلارنىڭ سىردىشى» دەپ ئاتىغان.
مەنبە: رادىئو« جاھان ئەينىكى » پىروگراممىسى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-13 17:33:37 ئۇقۇلۇشى: 238 قېتىم] |
|