پۇتبۇل تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىۋاتقان پەخرىمىز دىلىشات سۈيدۇڭغا كەلدى |

پۇتبول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىۋاتقان پەخرلىك ئوغلانىمىز دىلىشات
بۈگۈن كۆپچىلىكنى نەچچە كۈندىن بېرى خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقان دېلشاد ئىنىمىزنىڭ پوتپول تېپىپ شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرىدىن خەۋەردار قىلماقچىمەن .بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېلشاد ئىنىمىزنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن كۆپ مۇڭداشقان ۋە سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ دېلشادنى غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ بۇ توغرۇلۇق پىكىرلىشىپ ئەتراپلىق پىلانلارنى تۈزگەن ئىدۇق.6- ئاينىڭ 30- كۈنى دېلشادنىڭ سەپەر تەيارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى تۇيۇقسىز مېنىڭ تېلفونۇم سايراپ كەتتى تېلىفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەزىبىر كۆڭۈلسىلىكلەرگە يولۇققانلىغىنى بولسا مېنى تېزىراق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيەگە كېلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. مەن خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، ھۇررا كۇلۇبىمىزنىڭ ساددىق ئەزاسى ۋە قولۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مەردان مۇئەلىم بىلەن غۇلجا شەھىرىدىن 200 كېلومىتىر يىراق ئارلىقتىكى كۈنەس ناھىسىگە جىددى يولغا چىقىپ سائەت 8 لەر بىلەن كۈنەس ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدۇق ،بىز يېتىپ كەلگەندە دېلشاد بىزنى خۇددى ئۇزاقتىن كۈتۈۋاتقان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدەك تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىكەن. بىز دېلشاد بىلەن تىنچ- ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن تېزدىن ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ ئۇنىڭ سەپەر ئەھۋالى ۋە تەيارلىغى توغرۇلۇق توختالدۇق . بىز دېلشاد بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق يول بويى مەردان ئىككىمىز ئويلىغاندەك ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ دېلشاد بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقماقچى بولغان ھەمرىيىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە بۇ مۈشكۈل سەپەرگە بالىسىنى يولغا سېلىشتىن يالتايغانلىغىنى ئۇقتۇق. دېلشادتا بولسا ئۇلارغا نىسبەتەب قىلچە ئاغرىنىش يوق بولۇپ پەقەت سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بۇ خىل قارانىڭ چىقىرىلىشىغا بولغان مەيۈسلىنىشىنىلا ئىپادىلىدى. بىز بولساق دېلشادنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئۇنى ھەرگىز يالغۇز يولغا سالمايدىغانلىغىمىزنى چوقۇم بىرەر ئامال تېپىلىدىغانلىغىنى ئېيتتۇق. لېكىن دېلشاد ئىنتايىن قەتتئى ئىرادىگە كەلگەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يالغۇز بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنلىگىنى ئېيتتى ،بىز دېلشاد بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئەتىكى سەپەر توغرۇلۇق پىلانلارنى تۈزۈپ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى بىر بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئۇقماي قاپتۇق ئاخىرى مەردانىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە دېلشادنىڭ ئەتىكى سەپىرىدىكى روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇخلاشقا مەجبۇ بولدۇق. كۈنەس ناھىيىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ يىراق بىر تاغلىق ناھىيىسى بولۇپ ھۆل يېغىن كۆپ جاي ئىدى شۇ كۈنىمۇ تاڭ ئاتقىچە قاتتىق يامغۇر ياغدى، بىز بۇ ئۆزگىرىشچان تاغلىق رايۇننىڭ ھاۋا كېلىماتىغا قاراپ دېلشادنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈلىكىنى ۋە قانچىلىك جاپا مۇشەقەتلەرنىڭ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى تەسەۋۇر قىلىپ يەتتۇق ،تاڭمۇ ئاتتى دېلشاد يەنىلا ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولۇپ ،ئۇنىڭ تۈنۈگۈن تالدى يېزىسىدىن كۈنەس ناھىيىسىگە پىيادە كەلگەن سەپەر ھارغىنلىغىدىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى.بىز يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتۇق بۇ چاغدا دېلشادنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىددى سايراپ كەتتى ئۇنىڭ چىرايىدىن بىز بەزى بىر خوشالىق جىلۋېسىنى سەزگەندەك بولدۇق كېيىن ئۇقساق دېلشادنىڭ تىجارەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن تاغىسى دېلشادنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن بالىسىنى دېلشادقا ھەمرا بولۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولدۇق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ كەلدى بىز بىرگە ناشتا قىلغاندىن كېيىن دېلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كۈنەس خەلىق مەيدانىغا كەلدۇق ،ئەپسۇس بىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگىنى بۇ يەرگە دېلشادنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن باشقا ھىچكىمنى ئۇچراتمىدۇق ، بىز دېلشادنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى دېلشادقا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدۇق ، ۋە ئۇلۇغ ئاللاھدىن دېلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىدۇق ! دېلشادنىڭ ئاتا - ئانا ئۇرۇق تۇقانلىرى بىرەر قۇر كۆز يېشى قىلىشقاندىن كېيىن دېلشاد جىددى سەپەرگە ئاتلاندى ، مەردان ئىككىمىز قىيمىغان ھالدا دېلشادنى تاغ باغرىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇق،خەيرى خوش يىگىت سەن مىللىتىمىزنىڭ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن تەۋەكۈلچىلىك روھىنى ئويغۇتۇش ،مىللىتىمىزنىڭ پوتپولغا بولغان يۈكسەك قىزغىنلىغىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ ئېغىر يۈكنى زىمەڭگە ئېلىپ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلاندىڭ.سېنى ھۇررا كۇلۇبىمىز قانداق ئۇزۇتۇپ قويغان قولىغان بولساق ئاخىرىغىچە قوللاپ يەنە شۇنداق داغ- دۇغلۇق كۈتۈۋېلىشقا تىرىشىمىز ! ئەمدى يەنە بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىرنەچچە ئىشلارنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ قېتىم دېلشادنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى مىلەتپەرۋەر ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىز دېلشادتا بولغان سېخى ياردىمىنى ئايىمىدى يەنى غۇلجا شەھىرى «ئانا - يۇرت » كوماندىسنىڭ قۇرغۇچىسى سىدىقجان ئەپەندىم ئۆزى غۇلجا شەھىرىدە بولمىسىمۇ دېلشادنىڭ بۇ ئىش- ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلەنمەي 2000 يۈەن ياردەم قىلدى.بۇندىن كېيىن يەنە ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسا ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىغىنى ئېيتتى . شۇڭا بۇ يەردە سىدىقجان ئەپەندىگە بولغان رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن، رەھمەت سىدىقجان سىزنىڭ غۇلجا پۇتبولچىلىقىغا قىلىۋاتقان سېخىلىقىڭىزنى خەلىق ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ ،ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىجارىتىڭىزگە بەركەت تىللەيمىز ! ئۇندىن باشقا ھۇررا كۇلۇبىمىز باشتىن - ئاخىر دېلشادنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلدى ۋە غۇلجىدىكى ھۇررا تەنتەربىيە دۇكىنىمىز ھۇررا كۇلۇبىمىزغا ۋاكالەتەن 1000 يۈئەن نەق پۇل ۋە ھۇررا كىيىم كېچەكلىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە دېلشادنىڭ بۇ قۇتلۇق سەپىرى ئاخىرلاشقىچە شىنجاڭنىڭ ھەر - قايسى جايلىرىدىكى ھۇررا ئەزالىرى دېلشادنى ئىزچىل قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىغىنى بىلدۈردۇق ، مەن بۇ قېتىم دېلشادنى ئۇزۇتۇش جەريانىدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن ھۇررا مۇنبىرىمىزنىڭ ساددىق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسى مەردان مۇئەلىمگە كۆپتىن - كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن ! ئاخىرىدا دېلشادنى قوللاپ كەلگەن ۋە ھۇررانى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرۈمەن. سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2944
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-13 17:30:50 ئۇقۇلۇشى: 261 قېتىم] |
|