شىنخۇا تورى كۇۋەيت 8- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى:كۇۋەيت نېفىت شىركىتىنىڭ 12- ئاۋغۇست دېيىشىچە، كۇۋەيتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بۇرگان نېفىتلىكىدىكى بىر تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىغا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۆت ئادەم يارىلانغان. بۇ شىركەت شۇكۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئوت ئاپىتى كۇۋەيت نېفىت شىركىتىنىڭ نورمال تېجارىتىگە تەسىر كۆرسەتمىدى، دېدى.
نېفىت شىركىتىدىن يارىلانغان بىر ئادەمنى ئۆز ئىچىگەئالغان تۆت يارىلانغۇچى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. كۇۋەيت نېفىت شىركىتى كۇۋەيت نېفىت گورۇھىغا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىقى كۇۋەيت خام نېفىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش خىزمتىگە مەسئۇل بۇرگان نېفتلىكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىتلىك ۋە ئەڭ چوڭ قۇمتاش نېفىتلىكى. ھېسابلىنىشلارغا قارىغاندا بۇ نېفىتلىكنىڭ زاپاس مىقدارى 70 مىليارد تۇڭ بولۇپ، كۈۋەيت نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ.