شىنجاڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەر تەۋرەش رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى |
مەنبە: news.xinhuanet.com
2011-08-12 05:52
شىنخۇا تورى خەۋىرى، 12- ئاۋغۇسىت سائەت 11 گە كەلگەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى چىگىرىسىدا 5.8 بال يەر تەۋرىگەن، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى 21 نەپەر ئادەم يارلانغان بولۇپ، 4 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن، شۇجايدىكى 70 ئاھالىلىكنىڭ 147 ئېغىز ئۆيى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، 171 ئاھالىلىكنىڭ ئۆيى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 11- ئاۋغۇسىت يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش باش ئەترىتى جەنۇبى شىنجاڭ ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش قوماندانلىق مەركىزى تېزلىكتە قۇتقۇزۇش لاھىيسى تۈزۈپ ،شىنجاڭ قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش ئەسكەرلىرى، ھەرخىل قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئاپشاركىلار، تەكشۈرۈش ئاپاراتى قاتارلىق ئۈسكىنىلەر بىلەن دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-13 14:11:59 ئۇقۇلۇشى: 211 قېتىم] |
|