ئاتۇش بىلەن پەيزاۋاتتىكى يەر تەۋرەشتە 708 ئائىلە زىيانغا ئۇچرىدى |



شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 12-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 1دىن 30مىنۇت ئۆتكىچە، ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىسى چېگراسىدا يۈز بەرگەن 5.8 بال يەر تەۋرەشتە جەمئىي 708 ئائىلىلىك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. شىنجاڭ يەرتەۋرەش ئىدارىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى 11-ئاۋغۇست كەچ سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودرومىغا چۈشۈپلا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلارغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان شېكەر بازىرىغا يېتىپ كەلگەن ۋە دەرھال كىچىك تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يەر تەۋرەشنى باھالاش خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 21 نەپەر ئادەم يارىلانغان بولۇپ ئىچىدىكى 4 نەپەرنىڭ يارىسى ئېغىر بولغان. يارىدارلار دەرھال شۇ يەردىكى دوختۇرخانا ۋە قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ قۇتقۇزۇلغان. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، بەزى بىر خىش ۋە ياغاچ بىرلەشتۈرۈپ سېلىنغان ئۆيلەردە ئۆرۈلۈش ۋە يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئەۋەتكەن 2-تۈركۈم خىزمەتچى خادىملار 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 8دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 11-ئاۋغۇست كەچتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق شۇ يەردىكى قوراللىق قىسىم جەڭچىلىرى تەرىپىدىن چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شېكەر بازىرى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە بەزى جايلاردا توك ۋە سۇ توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ يەر تەۋرەش پونكىتى تورنىڭ ئۆلچىگىنىدە، 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە، يەنە 13 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى 2.3 بال بولغان.
ئاتۇش بىلەن پەيزاۋاتتىكى يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر: ئاتۇش بىلەن پەيزىۋاتنىڭ چېگىراسىدا 5.8 بال يەر تەۋرىدى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-13 14:09:38 ئۇقۇلۇشى: 279 قېتىم] |
|