ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا توپىلاڭ بولۇپ قازا قىلغانلار 5 كە يەتتى |

شىنخۇا تورىنىڭ 8-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ 12- ئاۋغۇسىت دېيىشىچە، بىر نەپەر توپىلاڭدا يارلانغان ئەر يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن ساقايماي دوختۇرخانىدا قازا قىلغان بولۇپ، 6-ئاۋغۇسىت توپىلاڭ باشلانغاندىن بۇيانقى قازا قىلغان ئالتىنچى ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان. شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاۋغۇسىت كەچتە، 68 ياشلىق پىتىرۋىنسىنىڭ لوندوننىڭ غەربىدە ئېسىنى يوقاتقانلىقى بايقالغان. شۇ جايدىكى بىر قانچە بىنا توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن بۇلانغان، نۇرغۇن ماشىنىلار بۇلانغان. لوندون ساقچى تەرەپ، پېتىر ۋىنىستوننىڭ 11 -ئاۋغۇسىت كەچ سائەت 11 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، پات ئارىدا جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ساقچى تەرەپ بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. رازۋىتكا باشلىقى « بۇ بىر ۋەھشىي ۋەقە بۇلۇپ، گۇناھسىز ئەرلەرنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن. شۇ جاي ۋاقتى6-ئاۋغۇسىت كەچتە، بىر نەپەر قارا تەنلىك ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، لوندوندا چوڭ كۆلەملىك توپىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. توپىلاڭ بىرمىنگخام، لىۋېرپول قاتارلىق شەھەرلەرگە كېڭەيگەن.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-12 15:34:09 ئۇقۇلۇشى: 279 قېتىم] |
|