مىليادىر بولۇشنىڭ 10 چوڭ شەرتى |
ئامېرىكا فوربىس ژورنىلى دۇنيادىكى بايلارنىڭ رېتىنى تۇرغۇزۇشتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورنال بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. يېقىندا ئامېرىكا فوربىس ژورنىلى مىليادىر بولۇشنىڭ 10 چوڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
1- ئەر كىشى بۇلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى 700 گە يېقىن باينىڭ ئچىدە ئاران 15 شى ئايال بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %2 ئىگىلەيدىكەن.
2-سىنتەبىردە تۇغۇلىشىڭىز كېرەك. كۆپلىگەن ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن بايلار سىنتەبىردە تۇغۇلغان، 678 نەپەر مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ 64 تى دەل سىنتەبىردە تۇغۇلغان.
3-داڭلىق ئونۋىرستىتتا ئوقۇغان بولىشىڭىز كېرەك. داڭلىق بايلار ئەڭ كۆپ چىققان ئونۋىرستىت دەل دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئونۋىرستىت خارۋارد ئونۋىرستىتى بولۇپ، 38 مىليادىر بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىن چېكىنگەنلەر بولسىمۇ يەنىلا ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر بار. مەسىلەن ،بىلگايتىس بىلەن گوگۇل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى سېرگى. بېرىن بىلەن لاررىي. پېچ دەل مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باققان.
4- ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىغا كۆچۈپ بېرىش. ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتى دۇنياغا داڭلىق بايلار يىغىلغان جاي بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى 272 باينىڭ 71 كالفورنىيە شىتاتىدا تۇرىدىكەن.
5- جۇڭگودا ئىگىلىك يارىتىش. فوربىس ژورنىلى 2010-يىلى 10 -ئايدا ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بايلار رېتىدىكى 49 كىشى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ شىركىتى 2009- يىلى بازارغا كىرگەن بولۇپ، بايلىقى ناھايىتى تېز كۆپەيگەن .
6- ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىنكى تۇغۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان مەزگىلدە تۇغۇلغانلار. بۇ مەزگىلدە بازارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ياش كارخانىچىلارغا نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ياراتقان.
7- ھەربىيلىكتە تۇرغانلار. فوربىس ژۇرنىلى سىتاتىستىكا قىلغان بايلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن.
8- ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق پۇل مۇئامىلە كوچىسى ۋول كوچىسىدا خىزمەت قىلغانلار، گەرچە ئامېرىكىدىكى ئەڭ بايلار بەن-تېخنىكا ساھەسىدىن چىققان بولسىمۇ، كۆپۈنچە بايلار پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن چىققان.
9- مەغلۇبىيەت شۇنداقلا ھاقارەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلەر. نۇرغۇن بايلار كەسىپتە قاتتىق مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرالىغان.
10- شىركەتنىڭ پايچىكىنى بازارغا كىرگۈزەلىگەنلەر. ئامېرىكىدىكى بايلار %80 تىن ئارتۇقى شىركەتنى پايچىكىنى بازارغا كىرگۈزەلىگەنلەر ئىكەن.
مەنبە: رادىئو « جاھان ئەينىكى » پىروگراممىسى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-12 15:29:09 ئۇقۇلۇشى: 296 قېتىم] |
|