فرانسىيە ساقچىلىرى ئۈچ توننا نەشىنى قولغا چۈشۈردى |

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پارىژ 8-ئاينىڭ 11-كۈندىىكى مەخسۇس تېلېگراممىسى، فىرانسىيە پارىژ ساقچى ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:«بىز فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ھېراۋلت ئۆلكىسىنىڭ سېت پورتىدىن ئۈچ توننا ئەتكەس نەشىنى قولغا چۈشۈردۇق». تونۇشتۇرۇلۇشىچە، فرانسىيە ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى سېت پورتىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرگەندە ئۈچ توننا ئەتكەس نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ نەشىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ماراكەش بولۇپ، بۇلارنى پارىژنىڭ شەھەر سىرتىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغانىكەن. فرانسىيە ساقچى دائىرىلىرى شۇ كۈنى ئۈچ توننا نەشىدىن باشقا ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. ھەمدە شۇ كۈنى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مارنې ئۆلكىسىنىڭ ۋىتري شەھىرىدە يەنە ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. ساقچى تەرەپ بۇ ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرگەندە 200 گرام نەشە بايقالغان. بۇنىڭغا قارىتا ساقچى دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بىز بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە بۇ ماراكەش ۋە فىرانسىيەدىن ھالقىغان شەھەرلىك چېكىملىك شايكىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ كەلگەن». نۆۋەتتە بەزى ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. فرانسىيە تاموژنىسىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى فرانسىيە تاموژنىسى جەمئىي 36 توننا زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كوكائىننىڭ مىقدارى ئالدىنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، 5.1 توننىغا يەتكەن. باش چايقاش كۇمىلىچى، گاللۇتسىنوگېنىك قاتارلىق بىرىكمە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 983 مىڭ دانە ۋە 24 مىڭ 600 پارچىغا يەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-12 13:06:43 ئۇقۇلۇشى: 204 قېتىم] |
|