ئاقسۇ كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى |
مەنبە: www.wlmqwb.com
2011-08-11 07:11
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ ئېگىلىشىچە، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى 8-ئاينىڭ8-كۈنى چۈشتىن كېيىن كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يېزا بازارلاردىكى بوران ھەتتا 8 بالدىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن، بورانلىق ھاۋارايى جەريانىدا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەش تۈگىمەن يېزىسىدىكى 20 مىڭ مۇ دىن ئارتۇق نەشپۈتزارلىق زىيانغا ئۇچرىغان. مۇخبىر بەش تۈگىمەن يېزىسى 11- ئەترەتتىكى شۈشىنچىڭنىڭ نەشپۈت زارلىقىدا، نۇرغۇن نەشپۈتنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن، شۈشىنچىڭنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ بېغىدىكى نەشپۈتلەرنىڭ ئەسلى يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن پىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم زىيان چوڭ بولغان، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا، ئۇ بېغىغا دېھقانچىلىق دورىسى چاچقان، تۇيۇقسىز بىر بوران چىقىپ ، نەشپۈتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈۋەتكەن. ئۇنىڭ 70 مۇ يېرىدىكى نەشپۈت زىيانغا ئۇچرىغان. بوران ئاپىتىدە تۇرسۇننىڭ 200 مۇ نەشپۈتزارلىقىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقى زىيانغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بوران ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، نەشپۈتزارلىقىدىكى %80~70 نەشپۈتنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن. ئېگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۈچلۈك بوران ، شۇ جاينىڭ باغ-ئورمانچىلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، ئالما، چىلان، ياڭاق قاتارلىق پىشىش ئالدىدا تۇرغان باغ-ئورمان زىرائەتلىرى كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ بالدۇر پىشار نەشپۈتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان. بەش تۈگىمەن يېزىسى ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى تۇرغۇننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، زىيانغا ئۇچرىغان ئۇمىمىي كۆلەم 21500 مۇ، ھەربىر مۇ دىن 92.5 كىلوگرام بولۇپ، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر مۇ يەردىن 540 يۈەن زىيان بولغان. نۆۋەتتە، بەش تۈگىمەن يېزىسى ئاقسۇ شەھەرلىك سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشقان، سۇغۇرتا شىركىتى زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە ئوخشىمىغان تۆلەم بەرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-12 12:50:55 ئۇقۇلۇشى: 174 قېتىم] |
|