ئاكا –سىڭىل بىرلىشىپ قۇرغان تور بەتنى 100 مىليۇنغا ساتتى |

ئامېرىكىدا بىر جۈپ ئاكا سىڭىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغدا «مىنىڭ يىلنامەم» نامىدىكى مەكتەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى قۇرغان بولۇپ، 6 يىل ئىچىدە نۇرغۇن ياشلار تىزىملاتقان. بۇ تور بەت ئامېرىكا لاتىن ئىجتىمائىي تور بېكىتى تەرىپىدىن 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىنغان. ئاكا-سىڭىلنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى «مىنىڭ يىلنامەم» بولسا كوۋك فامىلىلىك ئاكا- سىڭىللارنىڭ ئەجرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ،2005- يىلى كاسىرىن.كوۋك 15 ياش ۋاقتىدا يېڭى جىرسىي شتاتىدا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيتتى، دەيۋېي. كوۋك 16 ياش بولۇپ تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتتى. بىر كۈنى ئىككىسى مەكتەپ ئىچىدە يىلنامە كۆرۈۋېتىپ، تۇيۇقسىز نېمىشقا يىلنامىنىڭ ئېلېكترون نۇسخىسى يوق؟ دېگەن مەسىلە كاللىسىغا كېلىدۇ. كاسىرىن 26 ياشلىق ئاكىسى جېفۇ. كوۋكغا بۇ تۈر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى چاقچاق قىلغاندەكلا ئېيتىدۇ. جېفۇ ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا ئىككى تور بەت قۇرغان بولۇپ بۇ تۈردىن ئېرىشكەن 250 مىڭ يۈەننى مەبلەغ قىلىشقا قوشۇلىدۇ. 2005- يىلى 4- ئايدا، «مىنىڭ يىلنامەم» بارلىققا كەلدى. «مىنىڭ يىلنامەم» ئاساسلىق ياشلارغا يۈزلەنگەن بولۇپ ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئامېرىكا MSNBC21 خەۋىرى، «مىنىڭ يىلنامەم» 6 يىلدىن بىرى يۈرۈشتۈرگەن مەبلىغى 17 مىليون بولۇپ، تىزىملاتقان رەسمىي ئەزاسى 20 مىليوندىن ئېشىپ، ھەر ئايلىق كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليارد 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ھەمدە ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ياشلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن 10 چوڭ تور بېكەتنىڭ بىرى بولغان، ئامېرىكا بويىچە ئېقىم مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان 25 تور بەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ تور بەتنى ساتقاندىن كىيىن جېفۇ. كوۋك ئاۋۋالقىدەكلا تور بەتنىڭ رەئىس ئىجراچىسى بولغان، ھەمدە بۇ تور بەتتە 100 نەچچە خىزمەتچى نورمال خىزمەت قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-11 18:35:22 ئۇقۇلۇشى: 375 قېتىم] |
|