يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ بۇغدا كۆلى بۇغدا چوققىسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ۋە قاناس دۆلەتلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، قوغداش سېستىمىسى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز پۇل مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش دوكلاتىنى رەسمىي تەستىقلىدى.
8-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈرگە جەمئىي 123مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئالغان 10 مىليون ياۋرو بار ئىكەن.بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى شىنجاڭ بۇغدا كۆلى بۇغدا چوققىسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ۋە قاناس دۆلەتلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، قوغداش رايونىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئىشلىتىلىدىكەن