ئۈرۈمچى خۇڭيەنچىدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋەقەسى يۈزبەردى |
مەنبە: www.wlmqwb.com
2011-08-11 01:54
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، 9-ئاۋغۇسىت سائەت 15 ئەتراپىدا، ياڭ ئەپەندىم خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرىدا سۇ ئۈزىۋاتقاندا بەختكە قارشى تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان، شۇ كۈنى بىر ئۆسمۈر ئۇلانباي سۇ ئامبىرىدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان. 9-ئاۋغۇسىت سائەت 15 تە، ئۈرۈمچى«119» قوماندانلىق مەركىزى، خۇڭيەنچىدا بىر كىشىنىڭ تۇنجۇقۇپ قازا قىلغانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. قوماندانلىق مەركىزى ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش قۇتقۇزۇش قىسمى خادىملىرىنى تەشكىللەپ تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېگىلىشىچە، تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ ئورنى قىرغاقتىن 5 مېتىر ئەتراپىدا يىراقلىقتا ئىكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار سۇغا چۈشۈپ ئايرىم ھالدا ئىزدەش ئېلىپ بارغان. سائەت 15 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىققان. 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ دوستىدىن ئىگىلىشىچە، تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ فامىلىسى ياڭ بولۇپ، 32 ياش، ئايالى ھامىدار بولغىلى 4 ئاي بولغان ئىكەن. 9-ئاۋغۇسىت چۈشتىن كېيىن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ جەسىتىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ قايتىدىغان چاغدا، ئۇلانباي سۇ ئامبىرىدا بىر ئۆسمۈرنىڭ تۇنجۇقۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. سائەت 17 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، ئېگىلىنىشىچە، تۇنجۇقۇپ قالغۇچى تەخمىنەن 18 ياش ئەتراپىدا ئىكەن. 19 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە 8 قېتىم سۇدا تۇنجۇپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 13 ئادەم قازا قىلغان. ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش خادىملىرى، شەھەر ئاھالىسىنى ھېچقانداق بىخەتەرلىك كاپالىتى بولمىغان جايلارغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-11 17:58:35 ئۇقۇلۇشى: 171 قېتىم] |
|