پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ جىيەنى بوشلۇقتا ھادىسىگە يولۇقتى |
پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ جىيەنى سەمەت يېقىندا خۇنەندە 100 مېتىر بوشلۇقتا داۋازلىق ماھارەت ئۇيۇنى كۆرسىتىپ ، مۇساپىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە توساتتىن تېيىلىپ كىتىپ پولات سىمغا ئېسىلىپ قالدى . بەخىتكە يارىشا بېلىدە بىخەتەرلىك يىپى بولغاچقا ھېچنىمە بولمىدى . بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئامالسىز قولىدىكى تەڭپۇڭلۇق تايىقىنى تاشلىۋەتتى ۋە بىر موللاق ئېتىپ پولات سىمنىڭ ئۈستىگە قايتا چىقىۋالدى . گەرچە بۇ قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش ئۇيۇنى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، بىراق نەق مەيداندىكى ئامما يەنىلا ئۇنىڭغا زور ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى . كەلگۈسىدە ئۇ 650 فۇت ( تەخمىنەن 198 . 12 مېتىر ) ئىگىزلىككە جەڭ ئېلان قىلىپ ، دۇنيا جىنىس رىكورتىنى يارىتىش ئارزۇيى بارلىقىنى ئېيتتى .
دىكوراتسىيە ماتىرىيالى ئادىل شىنجاڭ " داۋازلىق " سەنئىتىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلادى بولۇپ ، بەش قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا دۇنيا بوشلۇقتا مېڭىش رىكورتىنى بۇزغان . 1997 - يىلى ئۇ ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئارغامچىسى ئىشلەتمەي سەنشا بوغۇزىدىن كېسىپ ئۈتۈپ ، تۇنجى قېتىم دۇنيا جىنىس رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان . شۇندىن كىيىن ، ئۇ يەنە نۇرغۇن قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل بوشلۇق رىكورتلىرىنى بۇزۇپ ، جۇڭگونىڭ " پەلەك شاھى " دەپ ئاتالغان .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-11 17:51:30 ئۇقۇلۇشى: 209 قېتىم] |
|