ئارگېنتىنالىق يەتتە ياشلىق بالا خان جەمەتى پۇتبول كاماندسى بىلەن توختام ئىمزالىدى |
ئارگېنتىنا « ئەدەبىي تەرمىلەر»گېزىتى تورى خەۋىرى: بارسېلونا پۇتبول كاماندىسىدا داڭلىق پۇتبولچى مېسسى بار ئىدى، مانا ھازىرقى خان جەمەتى مادرىد پۇتبول كاماندىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىچىك توپچى ئىئونېل بار بولدى، خان جەمەتى مادرىد پۇتبول كاماندىسى يېقىندا ئارگېنتىنالىق يەتتە ياشلىق توپچى لىئونېل ئانگېل كېيلا بىلەن توختام ئىمزالىغان. ھازىر بۇنداق ئىشلار بارغانسېرى ئوموملاشماقتا. كۈچلۈك پۇتبول كۇلۇبلىرى ياشلارنى يېنىغا تارتىپلا قاملاي، پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان بالىلارغا كۆز تىكمەكتە. يەتتە ياشلىق لىئونېل خان جەمەتى مادىرد پۇتبول كاماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، كۇلۇپتىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياش توپچى بولۇپ قالغان. لىئونېل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ داڭلىق توپچى مېسسىغا چوقۇنىدىغانلىقىنى، جان جەمەتى مادرىد پۇتبول كاماندىسىغا تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-10 17:11:02 ئۇقۇلۇشى: 182 قېتىم] |
|