ياپونلار تېلېۋىزىيىدە كورېيە فىلىملىرى بەك كۆپ دەپ نامايىش قىلدى |
جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ياپونىيەدە 7-ئاۋغۇست تەخمىنەن 2500 نەپەر ياپون پۇقراسى فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كورېيە فىلىملىرىنى قويۇش چەكتىن بەك ئېشىپ كەتتى دەپ نامايىش قىلدى. ئەمما بۇلار يەرلىك ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان بولۇپ بۇنى نامايىش ئەمەس بەلكى «سەيلە قىلىش» دەپ ئاتىدى. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېتىلەپ «سەيلە » قىلغاچ كورېيە ئېقىمى فۇجىنى چىرىتتى، كورېيە ئېقىمىنى چەكلەش كېرەك، كورېيە بىزنىڭ يېرىم ئارىلىمىزنى قايتۇرۇپ بەر دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. تەيۋەننىڭ « بۈگۈنكى خەۋەرلەر»دىكى خەۋىرىدە، يېقىندا ياپونىيەدە كورېيە ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ قالدى، ياپونىيەلىك داڭلىق ئەر چولپان گاۋگاڭ ساڭپۇ مىكرو بىلوگىدا فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كورېيەنىڭ فىلىملىرىنى بەك كۆپ قويۇپ كەتتى دېگەن سۆزى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. نۇرغۇنلىغان ياپونىيەلىك تورداشلار فۇجى « كورىيەگە تەخسىچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەشتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-9 13:56:05 ئۇقۇلۇشى: 239 قېتىم] |
|