ئوقۇغۇچىلار پويىز بېلىتىنى ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىدا ئالدىن سېتىلىدۇ |
ئىگىلىنىشىچە ،شىنجاڭدىن 41 يولۇچى توشۇش بېكىتى ۋە 38 پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسىدا 11-ئاۋغۇستتىن 10-سېنتەبىرگىچە بولغان شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىدىغان ۋە شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىدىغان ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ھەر قېتىملىق پويىز (ۋاقىتلىق يولۇچى توشۇش پويىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )لارنىڭ قاتتىق كارىۋاتلىق ۋ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ئوقۇغۇچىلار بېلىتى 31-ئىيۇل سائەت 20:30 دىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىغان. شۇ كۈنى 19:30 دا مۇخبىر شەھىرىمىزنىڭ <<بەش يۇلتۇز يولى >>،<<خۇاڭخې يولى>>ۋە <<قۇرۇلۇش يولى >> دىكى بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلاردا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆچىرەت بولۇپ بېلەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى .ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش زالىلا ئەمەس،زال سىرتىدىكى مەيداندىمۇ 1000 دەك ئادەم بار ئىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە ،تۆمۈر يول تارماقلىرى مەكتەپكە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ،ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىدا بېلەت سېتىشنى كېچە -كۈندۈز داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە ،بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلاردا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بولىسىلا ،ئوقۇغۇچىلار بېلىتى سېتىۋالالايدىكەن (يېرىم باھالىق ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ).
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-9 13:48:30 ئۇقۇلۇشى: 134 قېتىم] |
|