قۇياش ئېنېرگىيەلىك قاتناش بەلگە چىرىغى خىزمەتكە چىقتى |
بەلكىم بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن،شەھىرىمىزنىڭ <<كوئىنلۇن يولى >> بىلەن <<يېكەنكۆل شىمالىي يولى >>كېسىشكەن جايدىكى <<كوئىنلۇن يولى >> ماي قاچىلاش پونكىتى يول بۆلىكىدە باش قىسمى ئانچە چوڭ بولمىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك قاتناش بەلگە چىرىغى يول ياقىسىدا ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك مېڭىشىغا قوماندانلىق قىلماقتا. مۇخبىر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ قاتناش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە ،بۇ قېتىمقى <<كوئېنلۇن يولى >> ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرتىپى ئېغىزىغا ئايرىم -ئايرىم ھالدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك قاتناش بەلگە چىرىغى ئورنىتىلغان . بۇ چىرىغىنى ئورنىتىش ،ئاساسلىقى ،BRT يولىنى ياساشقا ماسلىشىش ئۈچۈن بولۇپ ،ھازىر ئەسلىدىكى يول ياقىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىدىغان تىك تۈۋرۈكلۈك قاتناش چىرىغى ئېلىۋېتىلگەن .ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئالدىكى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېشىللىق بەلۋېغىمۇ ئېلىۋېتىلىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ،قۇياش ئېنېرگيەلىك قاتناش بەلگە چىرىغىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى تىك تۈۋرۈكلۈك قاتناش چىرىغىدىن كۆپ ئاددىي بولۇپ ،ئۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىش تاختىسى ئارقىلىق قۇياشتىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدىكەن.ئىچىگە ئورنىتىلغان باتارېيە قۇياشتىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،200 سائەتتىن ئارتۇق ئىزچىل خىزمەت قىلالايدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-9 13:41:16 ئۇقۇلۇشى: 83 قېتىم] |
|