شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن 4 مىليارد 568 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىنى بىرقەدەر ياخشى ھەل قىلغان ئۆلكىلەر مۇۋاپىق مۇكاپاتلىنىدىكەن.