ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2 – ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشسىزلىقىنى تىزىملاتقان، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 2011 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 2011 – يىلى 25 – ئىيۇنغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشسىزلىقىنى تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن 75 مىڭ كىشىدىن 54 مىڭ 229ى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشسىزلىقىنى تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %72.31ىنى ئىگىلىدى.
ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ياردەم پۇلى، كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، شۇنداقلا باھالاپ بېكىتىش ياردەم پۇلى، باج ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. ئىشقا ئورۇنلاشقان 54 مىڭ 229 كىشى بەھرىلەنگەن تۈرلۈك قەرز پۇلى، ياردەم پۇلى ۋە باج ھەققىدىن كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان سومما جەمئىي 254 مىليون 110 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئۇقۇشۇمچە، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 75 مىڭ كىشىنى يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملايدىكەن.