مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى››نى ئومۇملاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2009 – يىل 1 – ئىيۇل 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 22 ناھىيە، شەھەردە ئومۇميۈزلۈك باشلانغاندىن بۇيان، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئاپتونوم رايون بويىچە سۈت ئىچىدىغان ئوقۇغۇچىلار شۇ يىلدىكى 736 مىڭدىن كۆپىيىپ ھازىرقى 824 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانىدىن بەھرىلەنگەن 4 مىليون 700 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ %7ىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىليون 200 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ %25ىنى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنى ئومۇملاشتۇرۇش مىقدارى ۋە مالىيە ياردەم مەبلىغى سوممىسى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.
ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 2009 – يىلى 60 مىليون 40 مىڭ يۈەن، 2010 – يىلى 63 مىليون 750 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى، بۇ يىل 5 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرىغا 58 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغنى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتكە ياردەم پۇلى قىلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن ئاجرىتىپ بەردى، كەم قالغان قىسمى 9 – ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئاجرىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتكە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى مەبلىغىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە يەرلىك مالىيەدىن كۈندە ھەر خالتا سۈتكە بىر يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە كۈندە ھەر خالتا سۈتكە 0.7 يۈەندىن، ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەر مالىيەسى كۈندە ھەر خالتا سۈتكە 0.3 يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى. ئىككى يىلدىن بۇيان جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرى ئاجراتقان ياردەم مەبلىغى 176 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سۈتچىلىكنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن سۈت پونكىتلىرىنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈتنىڭ سۈپىتىنى قەرەللىك نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى سۈتنى ئۈچىنچى تەرەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتلىرىغا تايىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزدى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 79 يېڭى سۈتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتى قۇرۇلدى. جايلار ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنى مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بېرىش، IC كارتىسى، سۈت بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچىدىغان سۈت بىلەن تەمىنلەيدىغان جايلاردىكى كارخانىلار نىسپىي تۇراقلىق، تەمىنلەش ئەھۋالى خېلى مۇقىم بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بېكىتىلگەن كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتى، ئورۇسى، بەلگىسى، يەتكۈزۈلۈشىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقالسا بەلگىلىك مۆھلەتتە تۈزەشكە بۇيرۇيدىكەن، بېكىتىلگەن كارخانىلار ئىچىدىكى ئۇزاققىچە ئۆلچەمگە يەتكۈزمىگەنلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن بېكىتىلگەن كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنىڭ مىقدارى، سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى باھالاش مەزمۇنى قىلىپ، ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئۇزاققىچە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈتنى ئىشلەپچىقارمىغان، سۈپىتى لاياقەتلىك بولماي بىخەتەرلىك ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن ياكى ئەھۋالغا ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىدىكەن.