گرىنسىپەن: ئامېرىكىدا ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىش كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما ياۋروپا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك |
گېرىنسپەن
ئامېرىكا فىدىراتسىيە خەزىنىسىنىڭ سابىق رەئىسى گېرىنسپەن ئامېرىكا ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىش يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيتى ياۋرۇپا رايۇنىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گېرىنسپەن NBCتىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىش كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولغىنى ياۋرۇپا، ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ئەمەس. ياۋرۇپاغا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى»ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چۈشەندۈرىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا ئامېرىكا ئىقتىسادى زور دەرىجىدە چىكىنىپ، ئاساسەن بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان سەۋىيەگە يىقىنلىشىپ قالغان. بۇ بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئامېرىكا ئىقتىسادى چىكىنىشتىن قايتالامدۇ يوق دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلغان. ئالدىنقى ھەپتىدە، ئامېرىكا ئاخىرى قەرەلى يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ زايۇم تارقىتىش يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، بازارنىڭ قاتماللىشىپ قالغان كەيپىياتىدا بوشاش كۆرۈلگەن. كىيىنلا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا يىڭىدىن 117مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيگەن. ئەمما گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىشەنچ باھالاش شىركىتى بولغان پور ئۆلچەم شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئۈچAقەرز دەرىجىسىنى AA+غا چۈشۈرگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پور ئۆلچەم شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيانلىق ئىكەن. گېرىنسىپەن: «ئىختىلاپنىڭ ئۈزلۈكسىز ساقلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلار بۇ نۇقتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. مەن ئىقتىسادقا ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىش كۆرۈلىدۇ دەپ قارىمايمەن، ئەمما مەنمۇ ئەمەلىي كۆرۈلۈۋاتقان سۈرئەت ئاستىلاش ھادىسىسىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن.»،-دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-8 19:52:44 ئۇقۇلۇشى: 135 قېتىم] |
|