تاماق يېسىلا «ھامىلىدار» بولۇپ قالىدىغان ئەنگلىيەلىك قىز |
دۇنيادا ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار دېگەن بەك كۆپ بولىدىكەن،بۇ ئاجايىپ ئىشنىڭ باش پېرسوناژى ئەنگلىيەلىك ئەمدى ئاران 23 ياشقا كىرگەن قىزچاق بولۇپ،ھەر قېتىم تاماق يېگەندە قورسىقى تۇيۇقسىز يوغىناپ خۇددى ھامىلىدار بولغىنىغا 10 ئاي بولغان ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىكەن. بەزىدە كىشىلەر تاماقنى سەل جىق يەپ قويغاندىن كېيىن «قورسىقىم چىقىپ قالدى» دەپ قويۇشىدۇ،لېكىن ھەرقانچە يەپ ماۋۇ قىزچاقتەك قورساق چىقارغىلى بولامدۇ؟ بۇ قىزچاقنىڭ قورسىقى دەسلەپتە ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك يوغان ئەمەس ئىدى،كېيىن ئاز-ئازدىن يوغىناپ شۇنداق بولۇپ قالغان.ھەر قېتىم تاماقتىن كېيىن شۇنداق يوغىناپ كېتىدۇ،گەرچە بىر قانچە سائەتلەردىن كېيىن ئەسلىگە كەلسىمۇ بۇ ئەھۋال قىزچاقنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن،چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ تاماق يېمەكچى بولغاندا ئالدىنئالا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيىدۇ. بەزىدە مەن بەكمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالىمەن،باشقىلار ۋوي قاچان تۇغىسىز دەپ سوراپ مېنى خىجىل قىلىدۇ،مەن شۇنداق چاغلاردا مېنىڭ قورسىقىمدىكى بوۋاق بىر ۋاق تاماقتىنلا ئىبارەت دەپ قويىمەن،لېكىن ئۇلار تازا چۈشىنەلمەيدۇ. كېرى بۇ كېسەللىكنى « تائام بوۋاق كېسىلى» دەپ ئاتىغان. كېرى يەنە : « مەن يېمەك-ئىچمەككە بەك دىققەت قىلىمەن،دائىم چېنىقىشقا بارىمەن،لېكىن تاماقتىن كېيىن قورسىقىم خۇددى ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك يوغىناپ كېتىدۇ. » دەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، نەچچە ئون دوختۇرلار ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ بۇ غەلىتە كېسىلىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ،لېكىن ھازىرغىچە بىرەر ئۈنۈملۈك داۋالاش چارىسى چىقماپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-6 13:01:43 ئۇقۇلۇشى: 829 قېتىم] |
|