1637.1-يىلىدىكى كۈركۈم گۈلى قىزغىنلىغى
17-ئەسىردە گوللاندىيىدە كۈركۈم گۈلى ئىنتايىن خەتەرلىك نەرسە بولۇپ قالغان بولۇپ ئىدى.1637-يىلىدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە ، كۈركۈم گۈلى يەردە ئۆسىدىغان ئاددى بىر ئۈسۈملۈك بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى نەچچە يۈز ھەسسە ، ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى .بىر تۈپ كۈركۈم گۈلىنىڭ باھاسى 20 ساغلام ئىشچىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىنىڭ يېغىندىسىغا تەڭلىشىپ قالغان. ھازىر كۆپچىلىك شۇنى ئورتاق ئىتىراپ قىلدۇكى ، بۇ ھازىرقى زامان پۇل -مۇئامىلە تارىخىدىكى تۈنجى قېتىملىق لەيلىمە سودا ئىدى . بۇ ۋەقەدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان بەس- مۇنازىرە -بىر بازار ئۆزىنىڭ ئالماشتۇرۇش سېستىمىسىنى روشەن دەرىجىدە يۇقاتسا ، ھۈكۈمەت زادى قانداق رولنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كىرەك ؟-دېگەندىن ئىبارەت.
2. 1720-يىلىدىكى جەنۇبى دېڭىز كۆپۈكى
1720-يىلى ۋەيران بولغان جەنۇبى دېڭىز شىركىتى پۈتكۈل لوندۇننىڭ پۇل -مۇئامىلە ئىشلىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى .17-ئەسىردە ئەنگىلىيە ئىقتىسادى ئەڭ گۈللەندى .ئەكسىچە كىشىلەر مەبلەغنى ئىشلەتمەي ، زاپاس كاپىتالنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئەينى ۋاقىتتا پاي چېكىنىڭ تارقىلىش مىقدارىم ئىنتايىن تۈۋەن بولۇپ ، پاي چېكىگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز بولۇپ قالغان ئىدى . شۇ سەۋەبتىن ، جەنۇبى دېڭىز شىركىتى ناھايىتى زور پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سودا پۇرسىتىنى ئىزدەپ ، ھۈكۈمەت سودىسىنى ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بىلەن ئالماشتۇردى ، چۈنكى ئەينى چاغدا خەلقنىڭ پاي چېكىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشقان چاغدىلا ، ئاندىن زايۇمنىڭ پاي چېكىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزلەتكىلى بولاتتى.
1720-يىلى پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، جەنۇبى دېڭىز شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان پاي چېكى پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۈلەشتەك يىڭى ئوسۇلنى قوبۇل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سېلىش ئىنتايىن جانلىنىپ ، پاي چېكى بىلەن تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالماي ، پاي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئەسلىدىكى باھادىن 100فوندسىتىرلىڭدىن كۆپرەك ئۆرلەپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ، شىركەتنىڭ ئەمەلى نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مۆلچەرى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىختىلاپ كۆرۇلگەن ئىدى .كىيىن <<پۇل- مۇئامىلە ئالدامچىلىغى ۋە ھايانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى >> پارلامىنتتا ماقۇللانغاندىن كېيىن ، پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر ۋە ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا باشلىدى ، نەتىجىدە جەنۇبى دېڭىز شىركىتىنىڭ پاي چېكى بىراقلا چۈشۈپ ، بۇ ساھەنى بىر مەھەل قاپلىغان جەنۇبى دېڭىز كۆپۈكىمۇ شۇنىڭ بىلەن تىنجىدى .
3. 1837- يىلىدىكى كىرىزىس
1837-يىلىدىكى ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرىزىسى بانكا كەسپىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئەينى چاغدا قىممەت مىتاللار كەمچىل ،يەنە كىلىپ بانكىنىڭ تارقاتقان قەرز پۇللارنى نەقلەشتۈرۈش كۈچى بولمىغاچقا ، ئۇدا چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى ، بۇ قېتىمقى كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى كاساتچىلىق تاكى 1843-يىلىغىچە داۋاملاشتى . كىرىزىسنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، بۇلار ئاساسلىقى قىممەت مىتاللارنىڭ فىدراتسىيە ھۈكۈمىتىدىن شىتاتلىق بانكىلارغا ئۆتكۈزۈۋېتىلىپ ، زاپاس مەبلەغنىڭ چېچېلىپ كىتىشى ، مەركەزلىك باشقۇرۇشنىڭ تۇسالغۇغا ئۇچرىشى ، ئەنگىلىيە بانكىلىرىدىن كەلگەن بېسىم ، زاپاس مەبلەغنىڭ چېچىلىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامرىكا ئىقتىسادى مىخانىزمىنىڭ مۇقىمسىزلىغى قاتارلىقلار.
4. 1907-يىلىدىكى بانكا كىرىزىسى
1997 -يىلى 10- ئايدا ، ئامېرېكىدا بانكا كىرىزىسى پارتلىدى.نيۇيوركتىكى بانكىلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۆزىنىڭ قەرز مەبلىغىنىيۇقىرى ئۈسۈم بىلەن قايتۇرىدىغان ھاۋالە مەبلەغ شىركەتلىرىگەرەنىگە قويۇش ھىسابىدا ، خەتەرلىك پاي چېكى ۋە زايۇمغاسېلىۋەتكەن بولغاچقا ، پۈتكۈل پۇل مۇئامىلە بازىرى ناھايىتىئېغىردەرىجىدىكى ھايانكەشلىك ھالىتىگە كىرىپ قالدى .ئەڭ دەسلىپىدە ، جامائەت پىكرى يىتەكچىلىگىدە ، يىڭىچە پۇل -مۇئامىلەئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ماقالىلەر كەڭ كۈلەمدە ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى ، ئەينى ۋاقىتتا ، پاۋل دېگەن كىشى<<بانكاسېستىمىسىدىكى كەمچىلىك ۋە ئىھتىياج>>ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەركىزى بانكا تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشۋىقاتچى بولۇپ قالدى.
ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ياكوف شىف نيۇيورك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا:بىز چۇقۇم كىرىدىت مەبلىغىنى يىتەرلىك كونتىرول قىلالايدىغان مەركىزى بانكىغا ئىگە بولىشىمىزلازىم ، بولمىسا كەلگۈسىدە مىسلى كۈرۈلمىگەن ، ۋە تەسىرى چوڭقۇر زور پۇل- مۇئامىلە كىرىزىسىغا دۇچار بولىمىز-دەپ جاكارلىدى.
1929.5-يىلىدىكى زور ھالاكەت
ۋۇل سترېت كۇچىسىنىڭ ۋەزىيىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن ھالەتتە تۇراتتى .1922-يىلىدىن 1929- يىلىغىچە ، ئامېرىكىنىڭ مىسلىسىز گۈللىنىشى ۋە يۇقىرى مائاش تەمىناتى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنى ۋول سىترىت كۇچىسىدىكى ئەسەبى ھايانكەشلىك قاينىمىغا سۆرەپ كىردى ، پاي چېكى بازارلىرى ناھايىتى تىزئاۋاتلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا پاي چېكى ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىدى.
1987.6-يىلىدىكى قارا رەڭلىك دۈشەنبە
1987 -يىلى ، ئۆزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىقتىساد ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن جىددىلىشىشى ،ۋول سىترىت كوچىسىنىڭ زور ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، مانا بۇ قارا رەڭلىك دۈشەنبەدۇر. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۆلچەملىك پۇل كۆرسەتكۈچى20 پىرسەنتكە يېقىن تۈۋەنلەپ ، سانسىزلىغان كىشىلەر ئازاب-ئۇقۇبەتكە دۇچار بولدى.
1994.7-يىلىدىكى مېكسىكا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى
1994-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ، مېكسىكىدا پىسونىڭ پېرىۋۇت نىسبىتى ۋە پاي چېكى باھاسى شىددەت بىلەن تۈۋەنلەپ كىتىشتەك پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەردى .بۇ پەقەت لاتىن ئامېرىكىسى پاي بازىرىنىڭلا كاساتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ،ياۋرۇپا، يىراق شەرق ، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى پاي بازارلىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۈۋەنلەپ كىتىشىگە سەۋەب بولدى .
8 . 1997 - يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلەكىرىزىسى
1997 -يىلى 7- ئايدا ، تايلاند مۇقىم پىرىۋۇت نىسبىتى تۈزۈمىنى،لەيلىمە پىرىۋوت نىسبىتى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا بىرمەيدان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىدى . شىياڭگاڭنىڭ مۇقىم تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى خېلىلا تۈۋەنلىدى ، كورىيىدىمۇ پۇل مۇئامىلەكىرىزىسى پارتلىدى ، ياپۇنيىنىڭ بىر قىسىم بانكا ۋە ئاكسىيە شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ۋەيران بولدى . شەرقى جەنۇبى ئاسىياپۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئاخىرىدا ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغائايلاندى .
9. 2008-يىلى 9-ئايدىكى ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى
لېيمان ئاكا-ئۇكا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى ، مېرلىن بانكىسىنىڭ ئەرزان باھادا سېتىلىشى ،مورگىن ستانلىينىڭ بىرلىشىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىقلار ئامېرىكا ئىككىلەمچى قەرزكىرىزىسى پەيدا قىلغان دولقۇننى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۇرۇپ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنى خېلىلا تەۋرىتىپ قويدى ، شۇسەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى.