ياز كېلىشى بىلەنلا سوغۇق ئىچىملىك بازىرى قايناپ كېتىدۇ، كولا، مېۋە شەربەتلىرى دۇكاندارلارنى خوش قىلىدىغان ئەڭ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ، دوستلىرىمىز يېقىندا چوقۇم ئۆزى بىر ئاز «ئورۇقلاپ» قالغان بولسىمۇ لېكىن باھاسىدا «ئورۇقلاش» كۆرۈنمەستىن ئەكسىچە سەل «سەمرىش» ئەھۋالى كۆرۈلگەن داڭلىق ماركىلاردىن كوكاكولا بىلەن پېپسىي كولانى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىككى كولا 4-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە قېتىم باھانى ئۆرلىتىش بۇيرۇقى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە پېپسىي كولانىڭ يېقىنقى ئەڭ يېڭى باھا ئۆرلەش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولغان.
بۇ يىل بەشىنچى ئايدا، كوكاكولا بىلەن پېپسى كولا ئالدى كەينى بولۇپ 500 مېللېلېتىرلىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغانىدى، لېكىن ھازىر كۆپىنچە تاللا بازىرىغا قارايدىغان بولساق تېخى بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا بازاردا سېتىلىۋاتقان 600مېللېلېتىرلىق كولالارنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. كوكاكولا 100 مېللېلېتىر «ئورۇقلىغان» بولسىمۇ لېكىن باھاسى يەنىلا شۇ «سېمىز» ھالىتىدە تۇرۇۋەردى، يەنىلا توققۇز يۈەن توققۇز موغا تۆت قۇتا سېتىلدى. پېپسىي كولامۇ شۇنداق «ئورۇقلاپ» 500 مېللېلېتېرغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن باھاسى يەنىلا بىر قۇتىسى ئىككى يۈەن سەككىز موغا سېتىلدى.
بىراق بۇ خىل «سىغىمى كىچىكلەپ باھاسى قىمىرلىماسلىق» ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمىگەندەك قىلىدۇ، مۇخبىرنىڭ بىر تاللا بازىرىدىن ئېگىلىشىچە، باھاسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان بۇ كولالار يەنىلا بازارلىق ئىچىملىك ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە پېپسى كولانىڭ 500 مېللېلېتىرلىق سىغىمدىكى كولانى قايتىدىن بازارغا سېلىنىشىدىكى سەۋەب ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل قۇتىدىكى كولانى تېخىمۇ ياقتۇرغانلىقىدا ئىكەن. بىراق مۇخبىر بۇ شىركەتتىن باھانى نېمىشقا چۈشۈرمىگەنلىكىنى سورىغاندا ئالاقىدار خادىملار بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بەلكىم ئەستايىدىل كۆزەتمىسەك كولالاردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماسلىقىمىز مۇمكىن، بۇنى بەزىلەر ئالدانغاندەك ھېس قىلىشى يەنە بەزىلەر مال باھاسى ئۆرلەۋاتقان پەيىتتىكى نورمال ھادىسە دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىق.