كۇرىل ئاراللىرى ئەتراپىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-08-05 12:16
سىنا تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، روسسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە، روسسىيە كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۇرىل ئاراللىرى 500 كىلومېتىرلىق تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە 6 بالدىن يۇقىرى كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش شۇ جايدىكى ئاھالىلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىگەن. دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش كۇرىل ئاراللىرى 500 كىلومېتىرلىق تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن. روسسىيە چىگىرىسىدىكى شۇ ئاھالىلىرىگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت ھېچقانداق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان. موسكۋا ۋاقتى 4-ئىيۇل سائەت 17 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە ، روسسىيە كامچاتكا-يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۇرىل ئاراللىرى ئەتراپىدا 6.3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك48.8 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 154.8 گرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 49 كېلومىتىر بولغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-5 12:38:39 ئۇقۇلۇشى: 212 قېتىم] |
|