جۇڭگونىڭ تور سۈرئىتى دۇنيادا 71 ئورۇندا تۇرىدىكەن |
پۇل-مۇئامىلە گېزىتى خەۋىرى: نۆۋەتتە دۆلەتلىك ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى ئېلان قىلغان 2011-يىللىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش كۆك تاشلىق كىتابى «جۇڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋەزىيەت مۆلچىرى ۋە ئانالىزى (2011)»دا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە 10يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن، جۇڭگونىڭ كەڭ بەلۋاغلىق تور ئابونت سانى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كەڭ بەلۋاغلىق تور چىقىمى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۈچ ، تۆت ھەسسىسىگە ، سۈرئىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدىكى(OECD) دۆلەتلەرنىڭ 10دىن بىرىگە توغرا كەلگەن. جۇڭگو ئېنتىر تورى ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC)2010-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى كەڭ بەلۋاغلىق تورنى ئىشلەتكۈچى تورداش 457مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل تور ئەھلىنىڭ %98.3تىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ بەلۋاغلىق تورنى ئۇلاشقا تىزىملاتقان ئابونت 125مىليون ئائىلىگە يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان؛ %96.8يېزا بازارلار كەڭ بەلۋاغلىق تورغا تۇتاشتۇرۇلغان؛ 3Gكەڭ تۈردە سودىدا ئىشلىتىلىپ، شەھەرلەرنى ئاساسەن قاپلاپ بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ كەڭ بەلۋاغلىق تور تەرەققىياتى تور چىقىمى يۇقىرى بولۇش، سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ئومۇملىشىشنى يۇقىرى بولماسلىقتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. سۈرئەت جەھەتتە، Topicنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى كەڭ بەلۋاغلىق تورنىڭ ئوتتۇرىچە سۈرئىتى سېكۇنتىغا 5.6Mbps بولۇپ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 1.8Mbpsبولۇپ، دۇنيا بويىچە 71-ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگودىكى تىزىملاتقان كەڭ بەلۋاغلىق تور ئابونتى ئومۇملىشىش دەرىجىسىمۇ ئاران %9.6گە يەتكەن. داڭلىق تېلېگراف مۇتەخەسسىسى شىياڭ لىگاڭ، ئىلگىرى بىز نەزىرىمىزنى سانائەت ۋە ئۆي مۈلۈككە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ بەلۋاغلىق تورنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قارىدۇق، تىجارەتچى (تېلېگراف شىركىتى قاتارلىقلار)نىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى يېتىشمىگەچكە، خىراجەت سەل يۇقىرى بولۇپ قالغان، دەپ كۆرسەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-5 12:27:35 ئۇقۇلۇشى: 132 قېتىم] |
|