تۈركىيە بېشىكتاس كۇلۇبى كوبىغا 550تۈمەن ئامىرىكا دوللىرى ئىش ھەققى بېرىدىغان بولدى
ۋاڭيى تورىنىڭ تەنتەربىيە خەۋىرى، بۈگۈن بىشىكتاس ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئامېرىكىغا بېرىپ كوبى بىلەن توختام توغرىسىدا سۆھبەتكە ماڭغان.
ئۇنداقتا تۈركىيىدىكى بىر كوماندىنىڭ قانداق قىلىپ كوبىنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغاندۇ؟
ماكا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە:
بېشىكتاس كۇلۇبى كوبىنىڭ6ئايلىق مائاشىنى بەش مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كەلگەن دېرۇڭنىڭ ئىش-ھەققى بولسا بەش مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
تۈنۈگۈن ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى كوبى ئۆزىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھەرقانداق كۇلۇبى بىلەن ھەرقانداق جايدا ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقىنى،ھەم ھېچقانداق يۆتكىلىش ئىشى توغرىلىق كېڭەشمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
ئەمما تۈركىيە بېشىكتاس كۇلۇبىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايدىغانلىقىنى كوبىدىن بۇنداق بۇرۇن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئالايىتەن ئامېرىكىغا بېرىپ كوبىنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى دېدى.
بېشىكتاس كۇلۇبى دېرۇڭ بىلەن توختاملاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ،داڭلىقراق بىرەر چولپاننى تېپىپ كوماندىسىنىڭ ئەمىلىنى كۈچىنى،تەسىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كوبىنىڭ تۈركىيىگە بېرىش نىسبىتىنىڭ نۆل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ بېشىكتاس كۇلۇبى ئەزەلدىن كوبىنى كوماندىغا قېتىش ئىشىدىن ۋاز كەچمىگەن.
بۇ قېتىم كوماندىنىڭ مەسئۇلى دىلمىروندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارىدىغانلاردىن سەيىف يارقىن بولۇپ،ئۇلار بىرلىكتە كوبى ھەم ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
ھازىر كوبىنىڭ بېشىكتاس كۇلۇبىنىڭ تەكلىپنامىسىنى قوبۇل قىلامدۇ>يوق؟
بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.