سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىن قۇرۇلۇشىغا بىن لادېن گوروھىمۇ قاتنىشىدىكەن |
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان خانلىق دۆلەت پاي كونترول شىركىتى ئالدىنقى كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىن لادېن گۇروچى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، جىددەھ رايونىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنانى سالىدىغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇشقا 46 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستان رىيال پۇلى كېتىدىغانلىقنى جاكارلىغان. بۇ بىنانىڭ ئىسمى جىددەھ خانلىق دۆلەت مۇنارى بولۇپ، ئېگىزلىكى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، قۇرۇلۇقش پۈتكەندىن كېيىن دۇبايدىكى 828 مېتىرلىق خەپلىپەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىددەھ بىناسىنىڭ لاھىيىلىگۈچىسىمۇ خەلىپە بىناسىنى لاھىيىلىگەن ئامېرىكا چىكاگودىكى Adrian Smith & Gordon Gill قۇرۇلۇش ئىشخانىسىدىن ئىكەن. جىددەھ خانلىق دۆلەت مۇنارى ئىچىدە تۆت پەسىللىك مېھمانخانا، ياتاق، ھەشەمەتلىك ياتاق ۋە ئىشخانا بار ئىكەن. بىنا ئۇدۇلىدىن ئېگىزگە قارىسا قىزىل دېڭىزنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش مۆھلىتى بەش يىل ئىكەن. خانلىق دۆلەت پاي كونترول شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ئالۋالىد شاھزادە بولۇپ،ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ جىيەنى ئىكەن. ئۇ شىركەتنىڭ %95 پېيىغا ئىگە ئىكەن. ئالۋالىد شاھزادىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە مەبلەغ تەييار بولۇپ بولغان بولۇپ، پات يېقىندا قۇرۇلۇش باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ قۇرۇلۇشقا پىلان بويىچە 63 ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. شىركەتنىڭ يەنە بىر پايچېكى A Meiman :« بىز جىددەھ خانلىق دۆلەت مۇنارى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات قىلىشىنىڭ موتورى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى، شۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تۇتقان ئورنىدىن پەخىرلىنىمىز»دېگەن. بىن لادېن گۇروھى 1931-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرغۇچىسى تېررورچى ئونسۇر ئوساما. بىن لادېننىڭ دادىسى ئىكەن. بۇ گوروھ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرىگە ئالغان، ھەمدە كوچا رايونى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنىمۇ كۆتۈرىگە ئالغان ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-4 11:48:01 ئۇقۇلۇشى: 391 قېتىم] |
|