News site - خەۋەرلەر - نۇر بەكرى قەشقەردە يارىلانغان بىگۇناھ ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:NBA ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى ئىختىلاپ داۋاملىق كىچىكلەۋاتىدۇ
NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پائۇل باشقىلارنىڭ كۆكسىگە ئوغرىلىقچە قارىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
پائۇل باشقىلارنىڭ ك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ۋاسكىتبول چولپىنى جامىس كەمسىتىلدى
ۋاسكىتبول چولپىنى ج..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كوبى ئىتالىيە توپ مەستانىلىرنى ماختىدى
كوبى ئىتالىيە توپ م..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:جۇڭگو ئامېرىكا مائارىپىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ
جۇڭگو ئامېرىكا مائا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىنۇ ئارتىسى ئەنجىلىنا جۇلى لېۋىيە خەلقىنى يوقلىدى
كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شاكىرا يۈزسىزلىك قىلغان يىگىتىدىن غەزەپ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى
شاكىرا يۈزسىزلىك قى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
خەنزۇچە تورلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئې..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
نۇر بەكرى قەشقەردە يارىلانغان بىگۇناھ ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

 

  • مەنبە: uyghur.people.com.cn
  • 2011-08-03 02:29
  •   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 1 – ئاۋغۇست سەھەردە قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇردى، بەختكە قارشى قازا قىلغان بىگۇناھ ئاممىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغان ئامما، ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

      ئۇ مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يارىلانغان ئاممىنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي قۇتقۇزۇپ، ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      يارىلانغان ئاممىنى ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي قۇتقۇزۇش كېرەك

      قەشقەردە ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەز يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون تېز ھەرىكەتكە كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 31 – ئىيۇل جىددىي دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، دېلو ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

      ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسىدا يارىلانغان ئامما دەرھال قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسى، 2 – خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 3 – شى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىر مۇتەخەسسىسىلەر يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا ۋە داۋالىماقتا.

      سائەت 10 ئۆپچۆرىسىدە، نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يارىلانغان ئامما چېن فېنئې، چېن ۋېينى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ يارىسى ۋە داۋالىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: قەشقەردە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ. زوراۋان – تېررورچىلار ئىنتايىن قەبىھ ۋە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن سىلەرگە ۋە ئائىلەڭلەرگە بەختسىزلىك كەلتۈردى، بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش غەزەپكە كەلدۇق.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق زوراۋانلىق قىلمىشىغا قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىمىز. زوراۋان – تېررورچىلارنى چوقۇم قانۇن بويىچە جازالاپ، سىلەرگە جاۋاب بېرىمىز. ئاپتونوم رايون ئەڭ ياخشى شارائىت يارىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاپ، يارىلانغان ھەر بىر ئاممىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سىلەرنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىپ، بالدۇرراق ساقىيىپ، يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ھەر مىللەت ئامما ئۇلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەنمەكتە. بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە نەپرەت ياغدۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.

      نۇر بەكرى ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يارىلانغان ساقچىلارنى دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا مۇنداق دېدى: سىلەر ھالقىلىق پەيتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئامانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. سىلەرنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىپ، بالدۇرراق سەپكە قايتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

       زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك

      نۇر بەكرى قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ج خ ئورگانلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى دېلو سادىر بولغان ھامان، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلوسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىيەتنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىش، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلدى، ئومۇمىي مۇقىملىقنى ساقلىدى.

      ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى ھەر بىر كوچا، ھەر بىر نۇقتىلىق جايغىچە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ج خ ساقچىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ، مۇقىملىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي كۈرەش ئىرادىسىگە كېلىپ، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      بۈگۈن ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى. نۇر بەكرى قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ گازارمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم جەنۇبىي شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك

      1 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھېيتگاھ جامەسى يېنىدىكى سودا كوچىسىغا بېرىپ، تىجارەتچىلەردىن سودا ئەھۋالىنى سورىدى. يېڭىسار پىچىقى ساتىدىغان دۇكاننىڭ خوجايىنى ئابدۇللا نۇر بەكرىگە: ئىلگىرى سودىمىز ياخشى ئىدى، بۇ ئىككى كۈندە كاساتلىشىپ قالدى، دېدى. نۇربەكرى ئۇنىڭغا: قەشقەردە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بىز چوقۇم تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مۇقىم مۇھىتنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، دېدى.

      يەنە بىر دۇكاننىڭ خوجايىنى ئېزىز ئوبۇلھېمىت غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى بەك قەبىھ ئىكەن، ئۇلار بىزنىڭ ياخشى تۇرمۇشىمىزنى بۇزغان يامان ئادەملەر، بۇ ئىككى كۈندە بازار ئىلگىرىكىدەك ئاۋات بولمىدى، دېدى. نۇر بەكرى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار، سىلەردە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلار چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، دېدى.

      نۇر بەكرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچىسىدىكى بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە بېرىپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. 42 ياشلىق يۈسۈپقارى مىجىت يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا 120 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ئىدى. ئۇ نۇر بەكرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ھەم ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، ئۆيلىرىمىز كۆڭلىمىزدىكىدەك سېلىندى، ئۆيىمىزدە سۇ، توك، پار بار، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان كېسەك ئۆيلەردىن ئۈزۈل – كېسىل خوشلاشتۇق.

      ‹‹جىلى›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سېلىۋاتقان ‹‹شۇگۇاڭ›› خەلقئارا بەش خىل مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جابدۇقلىرى يەرمەنكە شەھەرچىسى پۈتسە، قەشقەر بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بەش خىل مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جابدۇقلىرى بازىرى بارلىققا كېلىدۇ. نۇر بەكرى سېتىش مەركىزىگە كىرىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جۇ چۈنجيېدىن: قەشقەردە ئېغىر زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ جايدا داۋاملىق تىجارەت قىلىشتىن يالتايمىغانسىلەر؟ دەپ سورىدى، جۇ چۈنجيې قەتئىيلىك بىلەن: يالتايمىدۇق، بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلار قەشقەرنىڭ تىنچ، مۇقىم ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شۇنداقلا قەشقەردە روناق تېپىش ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، دېدى. نۇر بەكرى بۇ كارخانىنىڭ قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، خېرىدار چاقىرىشقا كۈچەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەشقەرگە سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، ‹‹غەربىي رايوندىكى مەرۋايىت›› قەشقەرنى يەنىمۇ جۇلالىق، گۈللەنگەن، باياشات شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    [ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2011-8-4 11:41:14  ئۇقۇلۇشى: 412 قېتىم]

      
    بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خەلق ئارىسىدىكى 90 چوڭ دۆلەت گۆھىرى كۆرگەزمىسى
    يېڭى جوڭگو قۇرۇل..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:يېڭىلىق يارىتىش تۈرى مەسلىھەتلىشىش يىغىنى فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلدى
    يېڭىلىق يارىتىش ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قىززىقارلىق سۇلياۋ ھەيكەللەر
    قىززىقارلىق سۇلي..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:«دۇنيا مودىل قىزلىرى » مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
    «دۇنيا مودىل قىز..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شەنشى ئالاھىدە بۇيۇملار ئاممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى
    شەنشى ئالاھىدە ب..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:سەنيادىن قوزغالغان چوڭ تىپتىكى پاراخوت سەيلىسى
    سەنيادىن قوزغالغ..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مۆجىزە يۈز بەردى، ئامېرىكىلىق بىئولوگ ئىككى باشلىق يىلاننى يېتىشتۈرۈپ چىقتى
    مۆجىزە يۈز بەردى..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىلىستىيانو. لوناردو ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
    كىلىستىيانو. لون..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پەخىرلىك ئوغلانمىز بارى كاللا توپ بىلەن رەقىبى يەر چىشلەتتى
    پەخىرلىك ئوغلانم..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ ، ئاكا سىڭىلنىڭ بىلىشمەي، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلماقچى بولىشىغا سەۋەبچى بولدى
    ئاتا-ئانا ئاجرىش..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇجىنتاۋ ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۇشتى
    خۇجىنتاۋ ئامېرىك..
    ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گىرۋائېسنىڭ رېياسەتچىلك قىلش ئۇسلۇبى غۇل-غۇلا قوزغىغان
    گىرۋائېسنىڭ رېيا..

    پەنەركە زاۋۇتىغا جىددى ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇغۇت زاۋۇتىغا جىددى ئش..
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھۇكۇمەت تارمىدىكى ساند..
    سوپۇن زاۋۇتىغا جىددى ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ئوراپ قاچىلاش ئورنىغا جىددى 10نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىد..
    سۇۋاركىچىلىق ئورنىغا جىددى  15نەپەرئىشچى قوبۇل قىلىنىد..
    شىركىتمىزگە9نەپەرخىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلمىز،
    ئوي بىزەكچىلىك ئورنىغا جىىددى ھۈنەرۋەن ۋە شاگىرت قوبۇل..
    ئۆكۈمەت ئۇرۇنىدا ئشلەپ پۇل تاپقىڭىز بارمۇ شىنجاڭنىڭ سە..
    جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز
    باسما زاۋۇتىغا جىددى ئۇغۇل_قىز خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز،..
    شىنجاڭنڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سۇلياۋ  زاۋۇتغا جىددى ئش..
    شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋاخاخا زاۋۇتىغا جىددى ئ..
    ناخشا-ئۇسۇلچى ئۇزىكانت قۇبۇل قىلىمىز
    خىزمەتچى ئىزدەش

    19 - باشلانغۇچ مەكتەپ  يېنىدا ئۇي ئجارە بئرئلدۇ
    قىزلارغا ئۆي ئىجارە بېرىمەن
    قەشقەر شەھىرىدىن ئەرزان باھادا بىنا ئۆي ئېجارىگە بىرىل..
    جىددىي ئۆي ئىجارە ئالىمەن
    جىددىي ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
    بىر يۇرۇش ئوي ئىجارە بىرىلىدۇ
    ئۆي   ئىجارە   بىرىش
    ئايشەمگۇل
    باھاسى ئەرزان ئۆي جىددى سېتىلدۇ
    غالبىيەت يولى 75كۋادىرات مېتىر ئەسلىھەلىرى تولۇق ئۆي ئى..
    خوچىزەندە يىتوسەن ئوي پار ئىچىدە 800 يۇەنگە ئىجارە بىرىل..
    جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
    قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- قەۋەتت..
    يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىجار..
    يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىجار..

    Onsoz
    Yurtta Ask
    Of Of
    Dillere Dusecegiz
    تۈرۈكچە تاللانما
    رەيھان كونسىرتى(2)
    رەيھان كونسىرتى(1)
    سۆيگۈ ئۈچۈن
    مەرەز ئېلى
    گۈل سەنەم
    ئۇزاق يول
    نامسىز !!!

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556