داجوڭ تورى خەۋىرى ،بۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات كومىتېتى تور بېتى ماقالە ئېلان قىلىپ شىنجاڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى ۋە ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋەر قىلغان <قەشقەرنىڭ ئۆي باھاسى 2 ئاي ئىچىدە ئىككى ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى،ھايانكەشلەر يۈرۈش-يۈرۈشلەپ بىنا سېتىۋالدى >دېگەن ئۇچۇر يالغان ،دېدى .دۆلەت تەرەققىيات كومىتېتى ئەمىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلتۇرقى 5-ئىيۇل ۋەقەسى قەشقەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئېچىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى ،ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشىمۇ سۇس بولغانلىقى،ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردىكى سېتىلمىغان ئۆيلەر 50پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن باھانىڭ چۈشكەنلىكىنى بايقىدى.بۇ يىل 4-ئايدىن 6-ئايغىچە ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سۈرئىتى تېزلەشتى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆي باھاسىمۇ ئۆستى . قەشقەر شەھىرىدە نۆۋەتتە ئادەتتىكى قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ھەر كۋادرات مىترىنىڭ باھاسى 2600يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 33پىرسەنت ،ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ھەر كۋادرات مىترىنىڭ باھاسى 3000يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30-40پىرسەنتكىچە ئۆستى .
ئاسىيا كىندىكى تورى بۇ يىل 1-ئىيۇل< قەشقەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مىترىنىڭ باھاسى 4000يۈەندىن ئېشىپ كەتتى ،شياڭگاڭ ،گۇاڭدۇڭدىكى ھايانكەشلەر يۈرۈش-يۈرۈشلەپ بىنا سېتىۋالدى >دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى، 20-ئىيۇل يەنە شىنجاڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى< قەشقەرنىڭ ئۆي باھاسى بىر كۈن يەنە بىر كۈندىن قىممەت،2 ئاي ئىچىدە ئىككى ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى>دەپ خەۋەر قىلىپ ،جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە تاراتقۇلارنىڭ بەس-بەستە خەۋەر قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇ خەۋەرنى بايقىغاندىن كىيىن دۆلەت تەرەققىيات كومىتېتى دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ،يوشۇرۇن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش <ھايانكەشلەر يۈرۈش-يۈرۈشلەپ بىنا سېتىۋالىدىغان >ئەھۋاللار بايقالمىدى.دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە كۆپ قىسىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئەتراپتىكى ناھىيە ،بىڭتۇەن ئاھالىلىرى ئىكەن.