ئەسەبىيلەشكەن ئېنتىر مەستانىلىرى ئۇرۇشۇپ كەتتى |
8-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 17 دە ، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ئېنتىر توپچىىلىرى ئىشچىلار مەيدانىدا ئوچۇق ئاشكارا مەشىق ئېلىپ بارماقچى ئىدى .ئېنتىر توپچىلىرى چىقىشتىن 5 مىنۇت بۇرۇن ،بىرAC مىلان توپچىسى بۇلارنىڭ خوشاللىغىنى بۇزدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قانلىق ئېلىشىش باشلىنىپ كەتتى ۋە كۆرۈش سۇپىسىنى قان بىلەن تولتۇردى. ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئېنتىر مەستانىلىرى تازا خوشال بۇلىۋاتقاندا ، بىر مىلان مەستانىسى مىلاننىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەن ، ۋە بىر ئېنتىر مەستانىسى دوستى بىلەن رەسىمگە چۈشكەن ، تېلفوننى چىقىىرپ خوشاللىقىدا ۋارقىراۋاتقان ئېنتىر مەستانىلىرىنى رەسىمگە تارتقان ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئېنتىر مەستانىسى ئۇنىڭ يىنىغا كېلىپ كىيىمىنى سەۋىتىشكە بۇيرىغان ، ۋە ئېنتىرنىڭ كىيىمىنى كىيىشكە زورلىغان ، بىراق ئۇ كىيمىگەچكە ،ئۇنىڭ مىلان كىيىمىنى سالدۇرۇپ چۆرىۋەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئېنتىر مەستانلىرى بىللە چۇرقىراشقان .شۇنىڭ بىلەن ئېنتىر مەستانىلىرنىڭ ھېسىياتى قوزغۇلۇپ ئۇنى ئۇرۇپ كەتكەن ، ئامانلىق ساقلىغۇچىنىمۇ ئۇرغان ، نەچچە ئامانلىق ساقلىغۇچى كېلىپ بۇ ئىشنى بېسىقتۇرۇپ ، مىلان مەستانىسىنى بىخەتەر ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ رەسىم ،فېلىملەرنى كۆرگەن مىلان مەستانىلىرى ئېنتىر مەستانىلىىرنى چانىۋىتىمز دەپ شۇئار توۋلاپ يۈرۈيدۇ... دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا ئەمدى قىززىيدىغان بولدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-3 20:28:39 ئۇقۇلۇشى: 194 قېتىم] |
|