س.لوناردو:«مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ توپ تېپىش ئېھتىماللىقىم بار» دېدى |
مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى زىيارەت جەريانىدا ،س.لوناردۇ مۇنداق دېدى"مىنىڭ مىسى ۋە خاۋىي لارنى يېڭىپ يىڭى بىر نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئىشەنچىم بار،ئەمما كوماندامنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىغا بىرنېمە دېيەلمەيمەن."دېدى ،ئۇ ئۆزى يەنە مىنىڭ قايتىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ توپ تېپىش ئېھتىماللىقىم بار دېدى.يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە ،مىسى بىلەن س.لوناردونىڭ رىقابىتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى.يىڭى بىر نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا نىسبەتەن س.لوناردو مۇنداق دېدى"مىنىڭ مىسنى يېڭىپ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشكە ئىشەنچىم بار ،ئەمما ھەممىنى ئاخىرقى نەتىجە بەلگىلەيدۇ " مۇخبىر سورىغان خان جەمەتى مادىرد كۇلۇبى بىلەن بارسىلونا كۇلۇبنىڭ پەرقىگە نىسبەتەن ئۇ مۇنداق دېدى"يېڭى بىر پەسىللىك مۇسابىقە تېخى باشلانغىنى يوق ،مۇسابىقە باشلانغان ۋاقىتتا ئاندىن بەلگىلەيمىز ،مېنىڭچە خان جەمەتى مادىرد كوماندىسى يىڭى مۇسابىقە پەسلىدە يىڭى بىر ھۇجۇمچى ئىلىش بەك مۇھىم ئەمەس " ئۇ يەنە كۇلۇبىدىن باشقا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنى تىلغا ئالغاندا "مىنڭ پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا كۈچلۈك ئىشەنچىم بار،چۈنكى بۇ كوماندىدا نۇرغۇنلىغان داڭلىق ياخشى توپچىلار بار،ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە گەپ يوق"
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-3 20:26:59 ئۇقۇلۇشى: 376 قېتىم] |
|