ئىتالىيەلىك كۈتكۈچى ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنى تونۇماستىن سوغۇق مۇئامىلە قىلدى |
كامىرون ئەر-ئايال دەم ئېلىش جەريانىدا ئىتالىيەلىك كۈتكۈچىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىرون يېقىندا ئايالى سامانسانى ئېلىپ ئىتالىيەگە دەم ئالغىلى باردى. «ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ساياھەت قىلىۋاتقان بىرىنچى كۈنىلا قەھۋەخانا كۈتكۈچىسىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. يەرلىك قەھۋەخانا كۈتكۈچىسى كۆز ئالدىدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنى تونۇيالماي ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. شۇ كۈنى كامىرون ئەر-ئايال ۋە ياردەمچىسى ئىتالىيە مېنتېۋارگىدىكى مەلۇم بىر مەيداندىكى قەھۋاخانىغا كىرىپ، ئوچۇقراق يەرنى تاللاپ ئولتۇردى.كامىرون ئىككى ئىستاكان ئىچىملىك بىلەن بىللە يەنە بىر ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتتى. ئۇ ئايال كۈتكۈچىگە قەھۋەنى ئېلىپ كېلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا،ئۇ كامىرونغا ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى، قەھۋەنى ئۆزلىرى بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كامىرون بىئارام بولغان ھالدا ھېسابات قىلدى. كۈتكۈچىگە پارچە خىراجەتمۇ قالدۇرمىدى. باش ۋەزىرگە «قەھۋەنى ئۆزىڭىز ئېلىپ كېلىڭ »دېگەن كۈتكۈچى قىزنىڭ ئسىمى فىرانسىسكا. ئالىنىيا بولۇپ، بۇ يىل 27 ياش ئىكەن. ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:« مەنمۇ بەكلا بىئارام بولدۇم، كېيىن بىرەيلەن ئۇنىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ چاغدا ھەقىقەتەن ئالدىراش ئىدىم، شۇڭا شۇنداق دېگەن ئىدىم». كامىرون ئائىلىسىدىكىلەر يېقىن ئەتراپتىكى بىر داچىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن. يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق دەيدۇ:« ؛ئەنگلىيەدىكى بىرىنچى ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن كامىرون ئائىلىسى ئىنتايىن ئاددى، ۋەزىر ئىنتايىن ئاددى ئىشتان ۋە مايكا كىيگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ۋەزىر ئىكەنلىكىنى ھىچكىم قاراپ بىلەلمەيدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 12:02:39 ئۇقۇلۇشى: 277 قېتىم] |
|