15 يېشىدا دادا بولۇپ 29 يېشىدا بوۋا بولغان ئەر |
سىنا تورى خەۋىرى، ئەنگىلىيەدىكى « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى، 29 ياشلىق ئىشسىز ياش دەيۋىس، ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ياش بوۋا بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ جىيا ئىسىملىك 14 ياشلىق قىزى بىر قىز تۇققان . دەيۋىس ۋە ئۇنىڭ 30 ياشلىق ئالدىنقى قىز دوستى كەيلى. يوھان بوۋا-مۇما بولغانلىقىنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمگەن. دەيۋىس 15 يېشىدا بىر قىزى(جىيا) بار بولغان بولۇپ، ھازىر جىيا 7-ئاينىڭ بېشىدا بىر قىز تۇققان. جىيانىڭ ئوغۇل دوستىمۇ 15 ياشتا ئىكەن. دەيۋىس:« نەۋرەمنىڭ ساغلام ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن جىيادىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ ياخشى ئانا بولالايدۇ. دەسلەپتە مەن جىيانىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئاڭلاپ ئانچە قوبۇل قىلالمىدىن، بىرق ناھايىتى تېزلا ئىدىيەمدىن ئۆتتى.» دېگەن. دەسلەپتە، توغۇتقا مەسئۇل سېستىرا ياش دەيۋىسنىڭ بوۋا بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلغان. دەيۋىسنىڭ نەۋرىسى تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، جىيا دوختۇرخانىدا ئۆزىنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالغان، ئۆيىدىكىلەر ۋە دوستلىرى كېلىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەلىگەن. جىيا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن، ئۇ قىزىنى تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغىسى دەپ قارىغان. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى ئەنگىلىيەدە 38259 نەپەر 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ھامىلدار بولغان، بىراق %50 گە يېقىن قىز بالا چۈشۈرۈشنى تاللىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 12:01:32 ئۇقۇلۇشى: 616 قېتىم] |
|