شىنخۇا تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرى، ياپونىيەنىڭ شىزوكا ناھىيىسى 1-ئاۋغۇسىت كەچ 6.1 بال يەر تەۋرىگەن، يەر تەۋرەش دېڭىز شاۋقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، نۆۋەتتە ئادەم ئۆلۈش يارلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىشىچە، يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى شىزوكا ناھىيىسى جۈنخې دەرياسى قولتۇقى بولغان، كونكرت ئورنى شىمالىي كەڭلىك 34.7 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 138.6 گرادۇس، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 20 كېلومىتىر بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، شىزوكا ناھىيىسى ، توكيو ، كاناگاۋا ناھىيىسى ۋە ياماناشى ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان.
ياپونىيە رادىئو بىرلەشمىسى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن، خاماۋكا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىدا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن. تومېي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بىر قىسم يول بۆلەكلىرى ئېتىۋىتىلگەن، شىزوكا ناھىيىسىدىكى پويىزلار ۋاقتىنچە توختىتىلغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە مىترولوگىيە ئىدارىسى بۇ جايدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىك خەۋىرىنى تارقاتقان.