كانادادا تىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 3 ئادەم قازا قىلدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-08-02 10:42
سىنا تورى خەۋىرى، كانادا «ۋانكۇۋىر قۇياش گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى ۋە ۋە ئايروپىلاندىكى 2 نەپەر يولۇچى قازا قىلغان. كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقەگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋانكۇۋىر ئارىلىدىكى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چەكلىك شىركىتىنىڭ بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە برىتانى كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ ستېۋارت ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى نېلسون مۇزلۇقىغا چۈشۈپ كەتكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەگە ئۇچراشتىن بۇرۇن گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. نۆۋەتتە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئسىم- فامىلىسى تېخىچە ئېنىق ئەمەسكەن. ۋەقە سەۋەبى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 11:57:32 ئۇقۇلۇشى: 237 قېتىم] |
|