گوللاندىيەدە ساياھات كېمىسى پارتىلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى |
مەنبە: news.qq.com
2011-08-02 11:19
گوللاندىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋىرى: 1-ئاۋغۇست گوللاندىيەنىڭ شىمالىدىكى گوللاندىيە ئۆلكىسىدە بىر دانە ساياھەت كېمىسى پارتىلاپ كېتىپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى 13 گە يەتكەن. ئېنىقلىنىشىچە، كېمىدە جەمئىي 15 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى كىچىك بالا ئىكەن. نۆۋەتتە ئىككى ئادەمدە ھېچقانداق يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەندىن باشقا، قالغان 13 نەپەر يولوچى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. كۆرسىتىلىشىچە، پارتىلاش يۈز بەرگەندە، كېمە گەۋدىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 11:57:01 ئۇقۇلۇشى: 167 قېتىم] |
|