تەنھا ئارالنى 25 يىل باتۇرلارچە قوغدىغان جەسۇر ئەر-خوتۇنلار |
كەيشەن ئارىلى
جىياڭسۇ -يۈننەن، يەنۋېي پورتىدىن 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا بىر تەنھا ئارال بولۇپ بۇ ئارالنىڭ ئىسمى كەيشەن ئارىلى. يەر مەيدانى ئاران 13 مىڭ كۋادرات مېتىر،ئاران ئىككى پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىچىلىك كېلىدۇ.1993-يىلى ياپون ئارمىيىسى ئالدى بىلەن مۇشۇ ئارالنى ئىشغال قىلغان،چۈنكى بۇ ئارال ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ياخشى ئىدى. ئارالدا بىر نەچچە رەت قۇرۇق ئۆيلەردىن باشقا تاغىنى قاپلاپ كەتكەن ياۋا ئوت-چۆپلەر ۋە دېڭىز شامىلىلا بار ئىدى.كەيشەن ئارىلى قاراۋۇللار باشلىقى ۋاڭجىسەي بىلەن ئايالى ۋاڭشىخۇڭ ئىككىسى بۇ تەنھا ئارالدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقىلى ساق 25 يىل بولدى. ئۇلار تۇنجى كەلگەن ۋاڭجىسەي 27 ياش ، ۋاڭشىخۇڭ 25 ياشتا ئىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ،كىشىلەر ئۇلارنى كەيشەن ئارىلىدىكى ئەر-خوتۇن قاراۋۇللار دەپ ئاتايدىغان بولدى. 1986-يىلى 7-ئايدا،ۋاڭجىسەي كۆپچىلىكنىڭ كۆرسىتىشى ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن 5-ئەۋلاد «ئارال باشلىقى» بولۇپ ئارالغا ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدىكى 4 قارار باشلىقلار ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 13 يىل،قىسقا بولغاندا 3 كۈنلا تۇرغان. ۋاڭجىسەينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن تەشكىل ئايالى ۋاڭشىخۇڭنىڭ ئارالغا چىقىپ ئېرى بىللە تۇرۇشىغا قوشۇلغان.شۇنىڭ بىلەن ئېرى قاراۋۇللار باشلىقى،ئايالى قاراۋۇل بولۇپ، ئىككى ئادەم بىر قوشۇن بولۇپ،بىرگە ئەمگەك قىلىپ بىرگە چارلاش ئېلىپ بېرىپ 25 يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ يىللىق مائاشى ئاران 3700 يۈەن بولۇپ،1995-يىلى 2000مىڭ يۈەن قوشۇلغان. ئۈستىدە ئاتا-ئانىسى،ئاستىدا 3 باللىرى بار بۇ ئائىلىگە بۇ پۇل ھېچنېمىگە يەتمىگەن. تېخى ھازىرغىچە ئوغلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا قەرز ئالغان پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ بولالمىغان. ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئاچىسى 60 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن. ئارالنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن 10 مىنۇت كېتىدۇ،ھەرقانچە سەۋرى تاقىتى بار ئادەم بولسىمۇ 30 مىنۇتتا خوشى كېتىپ زېرىكىپ قالىدۇ. مەنمۇ بەزىدە زېرىكىپ قالسام ئازراق ھاراق ئىچىپ قويىمەن دەيدۇ ۋاڭجىسەي. ئۇ ئارالغا چىققان دەسلەپكى يىللىرى،يوغان ئىدىشقا قاچىلاپ ساتىدىغان بىر كىلوسى 2 يۈەنلىك ھاراقنى ئىچكەن. 2 مو 3 پۇڭلۇق «ئەتىرگۈل»ماركىلىق تاماكا چەككەن.ھازىر بولسا ئۇ بىر قۇتىسى 5 يۈەنلىك «كونا كەنت باشلىقى» ماركىلىق ھاراق ئىچىدۇ،چېكىدىغىنى 3 يۈەنلىك تاماكا. گەرچە تۇرمۇش مۇشۇنداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ ، ساياھەت شىركىتى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئالدىغان قويغان سان ساناقسىز پۇللارنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمىغان. بۇلارنىڭ خەۋىرى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈردى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-2 11:54:36 ئۇقۇلۇشى: 306 قېتىم] |
|