29-ئىيول ئامىركا تاراتقۇلىرى كىشىنىڭ دېھقىتىنى نىكاھ مۇراسىمىنى خەۋەر قىلدى
خەۋەرنىڭ كىشىلەرنىڭ دېھقىتىنى تارتىشىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار،بىرى كۈيئوغۇلنىڭ سالاھىتى ئالاھىدە - ئېدۋاردىس 1970-يىلدىن 1990-يىلغىچە تۆت قىتىم لۇئىسئاننا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان،ئۇنىڭ ئامىركا سىياسىئونلار سەھنىسىدە ئالاھىدە تەسىرى بار.
ھەركۈنى ئاپتاپ چىقىۋەرمىگەندەك ئىدۋاردىسنىڭ ھوقۇق تۇتقان ئاخىرقى تۆت يىلىدا «پارا بېرىش»ۋە « پوپوزا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سەككىز يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
تۈرمىدىكى سەككىز يىل ھاياتىدا كۈچلۈك قەلەم قۇۋۋىتى ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى يازغان ئىدۋاردىس،ئۆزىنىڭ قالتىس ئەسەرلىرى بىلەن 32 ياشلىق «كاتىرىنا»نىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغان.كاتىرىنا ھەر ھەپتىدە تۈرمىگە كىلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرغان.
84 ياشلىق ئېدۋاردىسنىڭ تۈرمە ھاياتى ئاخىرلىشىپ چىققاندىن كىيىن ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنڭ نەۋرىسىچىلىك كىلىدىغان كاتىرىنا بىلەن كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن،كاتىرىنا ئىدۋاردىسنىڭ نىكاھ ھاياتىدىكى ئۈچىنچى خۇتۇنى بوپ قالغان.