خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە« كۈندىلىك پوچتا- تېلېگرامما گېزىتى» ۋە «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 7- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىراننى بازا تەشكىلات بىلەن «مەخپىي كىلىشىم» تۈزۈپ، ئۇلارنى مەبلەغ جۇغلىشى ۋە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، شۇنداقلا ئافغانسىتان ۋە پاكىستاندىكى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان، دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دېيىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە «بازا» تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا «مەخپىي كىلىشىم» بار ئىكەن. ئىران بازا تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ جۇغلىشى ۋە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشتا ۋاستىلىق رول ئوينىغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توردىكى يەتتە ئەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بەش ئادەم ئىچىدىكى ئىزىدىنا. خالىل «بازا تەشكىلات بىلەن كىلىشىم تۈزگەن كاتتىباش» دەپ قارىلىپ، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ پۇل جۇغلىىشى ۋە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشىغا ياردەم قىلغان دەپ ئەيىبلەندى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئالتە ئادەم بازا تەشكىلاتتىكى ئوق تور بولۇپ شەكىلىنىپ، ئوتتۇراشەرقتىن جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالىيە ۋە ئادەم يۆتكەشكە مەسئۇل ئىكەن.