شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېلىكتىر ئىستانسى |
مەنبە: www.wlmqwb.com
2011-07-30 08:36
ئۈرۈمچى لىنىيسى تورى خەۋىرى، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېلىكتىر سېستىمىسى قۇمۇل 20مېگاۋاتلىق ۋە خوتەن 20مېگاۋات دۆلەت ئالاھىدە ھوقۇقلۇق يورۇقلۇق ۋولت تورلاشتۇرۇش توك تارقىتىش تۈرى جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، كونترول قىلىش بىنانىسىنىڭ ئۈستى يېپىلىپ بولغان، ئۆي قۇرۇلىشى، تۇپراق قۇرۇلىشى قاتارلىقلار جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئاساسلىق ئۈسكىنىلەر مەيدانغا ئۈزۈلمەي كىرىۋاتقان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 30 كۈنى تاماملىنىپ تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قۇمۇل 20 مېگاۋاتلىق ۋە خوتەن 20مېگاۋات دۆلەت ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تورلاشتۇرۇش توك تارقىتىش تۈرىنى شىنجاڭ شىننىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. بۇ كارخانا بولسا دۆلىتىمىزدىكى مەخسۇس قۇياش ئىنىرگىيىلىك يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتى ۋە سېستىمىسى توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى ئىكەن، كارخانا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىق مەنبەسىگە تايىنىدۇ، توپلاشتۇرۇلغان كۆمۈر، ئېلىكتىر كۈچى، كۆپ كرىستاللىق كرېمنىي، كرېمنىي پلاستىنكىسى، بىرىكمە دېتال ، تورلاشتۇرۇش ئىنۋېرتېرى ۋە سېستىما توپلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىرگەۋدىلەشكەن رىقابەت ئەۋزەللىكى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت سېستىما توپلاشتۇرۇش تىجارەتچىلىكى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-1 12:48:04 ئۇقۇلۇشى: 142 قېتىم] |
|