ۋاسكېتبول چولپىنى كوبى دۆلىتىمىزگە كېلىپ توپ ئوينايدىكەن |
2011-يىلى8ئاينىڭ1-كۈنى ئامىرىكانىڭ ھەرقايسى خەۋەرلىردە كۆرسىتىلىشىچە كوبىنىڭ ھازىرقى يۈتكىلىش ئىشلىرغا قارىغاندا تۈركىيەنىڭ كۇلۇبلىرى بىلەن بولغان ئۇچىرىشىشىنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كۇلۇبلىرى بىلەن بولغان ئۇچىرىشىدىن كۆرۈنەرلىك ئاز بۇلۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان،شۇنىڭغا قارىغاندا كوبىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇش مومكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرۋالغىلى بۇلىدىكەن. ھەرقايسى خەۋەرلەر قانىلىدا تۇنۇشتۇرىشىچە تۈركىينىڭ بىشىكتاس كۇلۇبىنىڭ تېرنېرى ئاتمەن كوبىغا ئاتاپ بىر توىتام تەييارلاپ قالغان بۇلۇپ،ئاللىقاچان كوبىنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئۇچىرىشىشنى باشلىغان،لىكىن ئامىرىكىدىكى مەلوم كىشىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە كوبى بىلەن بىشىكتاس كۇلۇبىنىڭ يىقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇچىراشمىغانلىقنى ئوتتۇرغا قويغان.ھەمدە كوبىنىڭ بىشىكتاس كۇلۇبىغا قۇشۇلۇش نىسبىتىنىڭ نۆل ئىكەنلىكىنى دىگەن. كوبىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تۇنۇشتىرىشىچە ھازىر ئامىرىكا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھىلىغىچە توختاش مەزگىلىدە بولغاچقا كوبى ھازىر ئىزچىل تۈرد دۆلەت سىرتىغا چىقىپ توپ ئويناش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ جۇڭەوغا كىلىپ توپ ئويناش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ كوبى دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن يۈتكىلىش ئىشى تۇغىرسىدا كىڭەشكەن.بۇنىڭ ئىچىدە كوبى ھەرقانداق يەردە توپ ئوينىسا مۇئاشىنىڭ150تۈمەن دوللاردىن كەم بولماسلىقنى تەلەپ قىلغان،ھەمدە ئامىرىكا بىرلەشمىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئەركىن ھالەتتە لوس-ئانژىلىس كۇلۇبىغا قايتىپ كىتىشىگە قۇشۇلىشى كېرەك. بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كوبىنىڭ جۇڭگوغا كىلىپ ساياھەت قىلىدىغان ئۈچ ھەپتىلىك پائالىيەت بۇلۇپ بۇ دائىرىدە ئۇ يەنە فىلىپىنغا بېرىپ 2مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىكەن. تۆۋەندە تورداشلار كوبىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي: كوبى بۇرايىت،1978-يىلى تۇغۇلغان،ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ چولپىنى،1996-يىلى13-دەرىجىلىك يىڭى توپچى قاتارىدا لوس-ئانژىلىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان،كېيىنلا ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن،شۇ ۋاقىتتىكى ئونىېردىن قالسىلا كۇلۇبنىڭ داڭلىق چولپىنى بولۇپ قالغان،ئۇنىڭدىن كىيىن 2009يىللىق،2010-يىللىق بىرلەشمىنىڭ ئىككى قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.ھەمدە شۇ يىللىق بىرلەشمىنىڭ MVP سى بولۇپ باھالانغان بولۇپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىسى بولغان ھەمدە بىر مەيدان مۇسابىقىدە 81نومۇر ئالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-1 12:32:47 ئۇقۇلۇشى: 209 قېتىم] |
|