سۈن ياڭ 1500مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى |
تېڭشۈن تەنتەربيە خەۋىرى: بېيجڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ،2011-يىللىق 14-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالشىشى مۇسابېقىسى شاڭخەي شەرىق تەنتەربيە مەركىزى مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقنى كۈتىۋالدى.تېخى ھېلى ئاخىرلاشقان ئەرلەرنىڭ 1500مېتىرغا ئەرلەرنىڭ ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە ،ئەرلەرنىڭ 800مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئېلىمز ماھىرى سۈن ياڭ رەقىبلىرىدىن غالىپ كېلىپ ،باشتىن ئاخىرى ئالدىنقى ئورۇنى ساقلىغان ئاساستا ئاخىرى 14مېنۇت 34سېكنۇت14دەققلىق نەتىجە بىلەن 10يىلدىن بويان ساقلاپ كېلىنگەن ،يەنى ئون يىل مابەينىدە ئاۋىستراليەلىك داڭلىق ماھىر خاكات ساقلاپ كېلۋاتقان ،14مېنۇت 34سېكنۇت 56دەققلىق دۇنيا رېكوتنى بۇزۇپ تاشلاپ چىمپيون بولدى ھەم بۇ مۇسابىققە جەريانىدىكى ئىككنچى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.كانادالىق داڭلىق ماھىر كوكلىن 14مېنۇت 44سېكنۇت 46دەققلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرشتى ،شوتلاندىيە ماھىرى 14مېنۇت 45سېكنۇت66دەققلىق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى . جوڭگۇ سۇ ئۈزۈش كوماندىسنىڭ بۇ يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالشىش مۇسابىقسىدىكى باشلامچى ماھىرى بولۇش سۈپتى بىلەن 400مېتىرلىق ئەركىن ئۈزۈش مۇسابىقسدە ئاز پەرىق بىلەن ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ ،ئەمما ئەرلەرنىڭ 800مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە چىمپىيۇن بولۇپ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېين بۇ جۇڭگۇ سۇ ئۈزۈش ئەزمىتى ئەرلەرنىڭ 4*200مۇسابىقسىدە تۈنجى قېتىم بۇ تۈردە مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتى .ئەرلەرنىڭ 1500مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرى بولسا سۈن ياڭنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى تۈرى بولۇپ ،تاللاش مۇسابىقسدە كۈچىمەيلا 14مېنۇت 50سېكنۇت نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە كىرگەن.ھەمدە تاللاش مۇسابېقسىدە ئىككنچى بولغان ماھىر بىلەن بولغان پەرقى 4سېكنۇتلۇق چوڭ پەرىق . بۈگۈن كەچتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە،سۈن ياڭنىڭ ئاساسلىق نېشانى مۇشۇ تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالى بولۇپلا قالماي بەلكى 10يىل مابەيندە ساقلىنىپ كېلۋاتقان ،ئاۋىستراليە ماھىرى ساقلاپ كېلۋاتقان دۇنيا رېكورتى ئەڭ چوڭ نېشانى ئىدى. مۇسابىققە باشلىنىش ئاۋازى ئاڭلىنشى بىلەن 8نەپەر ئالتۇن مېدال كۆزلىگەن ماھىر سۇغا چۈشتى ،تۆتىنچى يولدا تۇرغان سۈن ياڭ بولسا 50مېتىردىن كىيىنلا ئالدىنقى ئورۇنى ئىگەلەپ ماڭدى.150مېترلىق قايتىش نوقتىسىغا كەلگەندە بولسا كانادا ماھىرى ئازىراق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالدىغا ئۈتۈپ كەتتى .ئەمما ئەمىلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان سۈن ياڭ 200مېتىرلىق بۇرۇلۇش نوقتىسدا يانىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.شۇنىڭ بىلەن سۇ يېرىش ئىقدىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان بۇ جۇڭگۇ كىچىك گېگانىت ئادىمى ئاخىرغىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ ماڭدى.ئەڭ ئاخىرقى 50مېتىرلىق نوقتغا كەلگەندە ،پۈتۈن كۈچ ۋە تېخنكىسنى چىقىرىپ ئاخىرى 14مېنۇتلۇق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدال ھەم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېتىش بىلەن بىرگە دۆلەتكە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-1 12:27:01 ئۇقۇلۇشى: 119 قېتىم] |
|