ئۈرۈمچىدە 17-يول شوپۇرلىرى بىر سائەت ئىش توختاتتى |
سائەت 12 ئەتراپىدا،مۇخبىر 17-يول ئاپتوبۇسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى-يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بېكىتىگە كېلىپ بېكەتنىڭ چىقىش ئېغىزىدا تۇرغان ئۈچ شوپۇرنى ئۇچراتتى،ئارىسىدا بىر شوپۇر مۇخبىرغا مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار مەسىلە ھەل بولدى دېگەندىن كېيىن شوپۇرلار ئاستا ماشىنىلارنى قوزغىتىپ يولغا چىقتى دېدى. يەنە بىر شوپۇر بۇ قېتىم بىزنىڭ ئىش توختىتىشىمىز مائاشنىڭ بەك تۆۋەن بولغانلىقىدىن،شىركەت ھەتتا مۇشۇ ئىسسىق ھاۋادا تولۇقلىما پۇلنىمۇ بەرمىدى، ماشىنا ئىچى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدۇ،شۇنداق بولغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرى چىقتى دېدى. ئالدىنقى يىلى 17-يول ئاپتوبۇس ئەترىتىدىكىلەر مائاشنى ئۆستۈرىمىز دېگەن، ھازىرغىچە ئۆسمىدى.بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كۆپچىلىك مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى ئىزدىگەن ،رەھبەرلەر سىلەرنىڭ مائاشىڭلارنى دەرھال ئۆستۈرىمىز دېگەن،لېكىن يېنلا ئۆستۈرۈپ بەرمىدى.ئىسسىقلىق ياردەم پۇلىنىمۇ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بىراقلا ئىش توختاتتۇق دېدى ۋاڭ ئۇستام. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە،17-يولدا جەمئىي 42 ماشىنا،90 نەچچە نەپەر شوپۇر بار ئىكەن. ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى باش شىركىتى 1-تىجارەت ئەترىتىگە قارايدىكەن. مۇشۇ ئەترەتنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە،ماشىنىلار راستنىلا بىر مەزگىل توختاپتۇ. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن قاتناش ئەسلىگە كەپتۇ.شىركەت ھازىر ئامال قىلىپ شوپۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-29 12:18:09 ئۇقۇلۇشى: 777 قېتىم] |
|