شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى كۈچا ناھىيەسىدە باشلاندى |
2011-يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 14-ئىيۇل،ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كوچا ناھىيەسىنىڭ كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا كۈسەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ناخشا-ئۇسۇل كېچىلىكى بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،كۈچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گاۋ كىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مەنزىرىسى ئىنتايىن مول بولۇپ،غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ،ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە مۇھىتى بىلەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئۇنىۋېرسال،تىپىك ۋە ۋەكىللىك نامايەندىسى.ئۇ غەربى يۇرتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تەبىئىي موزىيى ھېسابلىنىدۇ.تەۋەسىدە تاش ئۆڭكۈر،قەدىمكى قەلئە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى بولۇپ،جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ساياھەت قىلىپ كېتىشىنى قارىشى ئالىمىز. شىنجاڭ تائام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى،باش كاتىپ چىڭ گۇيفاڭ كۇچا ناھىيەسىگە"شىنجاڭ كۇچا كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەت تائام شەھىرى"دېگەن نامنى بەردى شۇنداقلا كۇچا ناھىيىسى ئېرىشكەن شىنجاڭنىڭ داڭلىق قورۇمىسى،داڭلىق تائاملىرى،داڭلىق دۇكانلىرىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-29 12:12:36 ئۇقۇلۇشى: 382 قېتىم] |
|