مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: 7-ئايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 300 مىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىگە جەمئىي 65 مىليون 970 مىڭ يۈەن باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.
مال باھاسى ئۆسۈشىنىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى ۋە يولغا قويدى. باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى: شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا بېرىلىدىغان پۇل 12 يۈەندىن؛ يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، ‹‹بەشتە كاپالەت››ئوبيېكتلىرىغا بېرىلىدىغان پۇل سەككىز يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كېڭەيتسە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەيھان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېتىملەرنى ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزگەنلىكى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايدا 20 يۈەن تاماق ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىدىكى كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا يېتىملەر ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى كىرگۈزمىدۇق.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىدا ئاھالىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجەت باھاسى كۆرسەتكۈچى(COLI)نىڭ شۇ ئايدىكى ئۆسۈش نىسبىتى ئاساس قىلىنىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى چەك شەرتى قىلىنىدىكەن. ئەمما ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ COLI كۆرسەتكۈچىنى تۈزۈش تېخى تاماملانمىغان بولغاچقا، بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىدا ۋاقتىنچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى(GPI)نىڭ ئايلىق ئۆسۈش نىسبىتى ئاساس قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى 2 مىليون 300 مىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىگە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدىغان بىر ئايلىق باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى 21 مىليون 990 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىدا كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، كاپالەت ئوبيېكتىغا ئۈچ ئايلىق باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلىنى تارقىتىش قارار قىلىنغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز مال باھاسىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق باھا ياردەم پۇلىنى تاكى توختىتىلغىچە ئايدا تەكشۈرۈپ تارقىتىدىكەن.
ياردەم پۇلى مەبلىغى ھازىرقى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەت بېقىش سوممىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا سوممىسى ۋە نەپىقە بېرىلگۈچىلەرنىڭ نەپىقە ياردەم سوممىسى بىلەن ئوخشاش يول، تەڭ قەدەمدە تارقىتىلىدىكەن، بۇ قېتىمقى ياردەم پۇل مەبلىغى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.
بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى باشلاش ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىدۇ.ئاپتونوم رايون ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىن دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، باھا ئۆسۈشنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىلمىي ھېسابلاپ چىقىپ،ئىلمىي بولغان تولۇقلىما ئۆلچەم پىلانىنى ئېلىپ چىقىشىنى،تولۇقلىما پۇلىنىڭ يۇقىرىنىڭ بېكىتكەن ئۆلچەم دائىرىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى تەلەپ قىلدى.