شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش تۆۋەن چېكىنى 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈش 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 30 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى›› 2011 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. قارارغا ئاساسەن، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ئېلىش تۆۋەن چېكى ھازىرقى 2000 يۈەندىن 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
گوۋۇيۈەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى بۇ يىل 4 – ئايدا تۇنجى قېتىم 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنغان ھەم ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان ھەق ئۆلچىمى، يەنى باج ئېلىش تۆۋەن چېكىنى ھازىرقى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستۈرمەكچى بولغان.
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27 – ئىيۇن ئېچىلغان 21 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان لايىھەنىڭ 2 – قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا 3000 يۈەنلىك باج ئېلىش چېكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، لېكىن ئاشقان تاپاۋەتتىن ئېلىنىدىغان ئاشۇرما باج نىسبىتىدىكى 1 –دەرىجىلىك باج نىسبىتى %5تىن %3 تۆۋەنلىتىلگەن.
‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى. دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى بىر مۇنچە ئەزا: قارار لايىھەسىگە دەسلەپكى قېتىم قاراپ چىقىش جەريانىدىكى پىكىر – تەكلىپ بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، يەنە خېلى كۆپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ، ئاساسىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى. بەزى ئەزالار مۇشۇ ئاساستا باج ئېلىش چېكىنى يەنە مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى 28 – ئىيۇن، 29 – ئىيۇن ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش تەكلىپىنى بىر – بىرلەپ مۇھاكىمە قىلدى. قانۇن كومىتېتى: ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، دارامەت تەقسىماتىنى باج ئارقىلىق تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ‹‹شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر ھەم دەل ۋاقتىدا بولدى، دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج ئېلىش چېكىنى 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.
يىغىندا يەنە 2010 – يىللىق مەركەز نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ‹‹2010 – يىللىق مەركەز نەق چوتى›› تەستىقلاندى. ‹‹مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى›› ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى.