ئالما شىركىتىنىڭ مەبلىغى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى |
مەنبە: cnbeta.com
2011-07-29 10:52
cnbeta تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى، سىنا تورى پەن-تېخنىكا قانىلىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بلوگى BusinessInsider نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«ئالما شىركىتى نۆۋەتتە ئىگە بولغان مەبلەغ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئېشىپ كەتتى». ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:« مۇشۇ چارشەنبە كۈنىگىچە بولغان ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى 73 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا ئالما شىركىتى ئىگە بولغان مەبلەغ ۋە ئاكسىيەنىڭ قىممىتى 76 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇنداقچە قىلىپ، ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىگە بولغان مەبلەغ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھۆكۈمىتىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-29 12:08:57 ئۇقۇلۇشى: 242 قېتىم] |
|